د ئۇ ق 23-ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئىپتار پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، سىياسەتچىلەر، دۇكاندارلار ۋە ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلغان. مەزكۇر پائالىيەتكە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى قاتناشقان. ئىپتاردا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرى بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ ۋېنا شەھىرىدە تۈرك ۋە مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، د ئۇ ق نۆۋەتتە چىڭ تۇتۇپ قىلىدىغان خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
د ئۇ ق بۇ يىل ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىنى ئىپتار زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان. د ئۇ ق نامىدا 4-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پائالىيىتىگە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى قاتناشقان. ئىپتاردا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئىسلام دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا سۈكۈتىنى بۇزۇشقا چاقىرغان.

بۇ، ئاۋسترىيەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەرگەن تۇنجى قېتىملىق ئىپتار ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر ئىپتار پائالىيىتى توغرىسىدا تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ياۋروپادىكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ئىپتار زىياپىتى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىر قانچە يىلدىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىش خىزمەت پىلانى بار. ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى›غا قارىتا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ جىم تۇرۇۋېلىشى، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىشى، ھەتتا بۇ مەسىلىدە خىتاينىڭ يېنىدا تۇرۇشى بىزنى بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى. شۇڭا بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە پائالىيەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رامىزان ئېيى ياخشى بىر پۇرسەت. چۈنكى ياۋروپادا نۇرغۇن تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بار. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ھۆكۈمەت، سىياسىي پارتىيەلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن يېقىن ئالاقىلىرى بار. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ئىسلام دۆلەتلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياۋروپادىكى مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز. مەسىلەن گېرمانىيەدە 3 مىليوندىن ئارتۇق تۈرك ياشايدۇ. باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ تۈركلەر ناھايىتى كۆپ. شۇڭا رامىزان ئېيىدا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئىپتار پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز».
د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى 21-ئاپرېل كۈنى ئاۋسترىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پائالىيىتىدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ دوكلات بېرىپ، ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، بۇنى ئاڭلىغان يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرى مۇسۇلمان، خرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنىدىن بولغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان شەھەر ئىكەن. شۇڭا د ئۇ ق 15-ئاپرېل كۈنى تۇنجى قېتىملىق ئىپتار پائالىيىتىنى گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇ، كۆلن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پائالىيىتىگە ئوخشىمايدىغان دىنلارغا مەنسۇپ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە ياۋروپادىكى تۈرك ۋە ئىسلام ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىغا ئىپتار بېرىش پائالىيىتى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىپتار پائالىيىتى بىلەن يەنە داۋاملىشىدىكەن.