د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا چېخىيەنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-08-11
Share
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا چېخىيەنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى چېخىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كومىتە́تىنىڭ رەئىسى پاۋە́ل فىشە́ر(سولدا) ئەپەندى بىلەن. 2021-يىلى 9-ئاۋغۇست، پراگا چەخىيە.
RFA/Ekrem

«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان چېخىيەنىڭ بەزى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى قىزغىن كۈتىۋالغان.

9-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن چېخىيە پايتەختى پىراگا شەھرىدە 3 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى چېخىيەنىڭ بەزى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بۈگۈن پراگا شەھرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بۇ يىل 11-ئايدا پىراگادا چاقىرىلىدىغان 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ۋە چېخىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا ئۇيغۇرلار ۋە د ئۇ ق نامىدىن رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكانىڭ چېخىيەدىكى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جېننىفېر باكۇس خانىم بىلەن. 2021-يىلى 9-ئاۋغۇست، پراگا چەخىيە.

چېخىيە زىيارىتى ئەسناسىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى چېخىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋېل فىشېر ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ھەمدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ چېخىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلىنىشىغا قوشقان ھەسسىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمىتىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا ئۇيغۇر دوپپىسىنى تەقدىم قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكانىڭ چېخىيەدىكى باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جېننىفېر باكۇس خانىم بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەردە بولغان. ئۇ يەنە چېخىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەنمۇ ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى چېخىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن. 2021-يىلى 9-ئاۋغۇست، پراگا چەخىيە.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارىتى مەزگىلىدە چېخىيەنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق كومىتېتى» نى قۇرۇپ چىققان ھەمدە بۇ پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىر قىسىم كونكىرېت ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەت مول مەزمۇنلۇق بىر زىيارەت بولغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت