«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان چېخىيەنىڭ بەزى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى قىزغىن كۈتىۋالغان.
9-ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن چېخىيە پايتەختى پىراگا شەھرىدە 3 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى چېخىيەنىڭ بەزى دۆلەت ئەربابلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قىزغىن كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بۈگۈن پراگا شەھرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بۇ يىل 11-ئايدا پىراگادا چاقىرىلىدىغان 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ۋە چېخىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا ئۇيغۇرلار ۋە د ئۇ ق نامىدىن رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان.

چېخىيە زىيارىتى ئەسناسىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى چېخىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋېل فىشېر ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان ھەمدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ چېخىيە پارلامېنتىدا ئېتىراپ قىلىنىشىغا قوشقان ھەسسىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمىتىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا ئۇيغۇر دوپپىسىنى تەقدىم قىلغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكانىڭ چېخىيەدىكى باش ئەلچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جېننىفېر باكۇس خانىم بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەردە بولغان. ئۇ يەنە چېخىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەنمۇ ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارىتى مەزگىلىدە چېخىيەنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن «7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق كومىتېتى» نى قۇرۇپ چىققان ھەمدە بۇ پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىر قىسىم كونكىرېت ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بۇ قېتىمقى زىيارەت مول مەزمۇنلۇق بىر زىيارەت بولغان.