دولقۇن ئەيسا: «خىتاي ئوخشاش بىر ھېكايىنى، ئوخشاش بىر ناخشىنى تەكرار ئېيىتماقتا»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.09.07
kocha-charlash-herbiy-saqchi-qoralliq.jpg كوچا چارلاۋاتقان برونېۋىك ۋە تولۇق قوراللانغان خىتاي قوراللىق ئەسكىرى. 2014-يىلى 24-ماي، ئۈرۈمچى.
AP

خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دوقۇن ئەيسانى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى قارىلاپ، يەنە ماقالە ئېلان قىلدى.

5-سېنتەبىر كۈنى خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»، «ئامېرىكانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى قوش ئۆلچىمى ئوت بىلەن ئويناشقانلىق» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئەربابلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئەلچىلىرىنىڭ دولقۇن ئەيسا قاتارلىق «شەرقىي تۈركىستانچى» ئۇنسۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، ئۇلارنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللىغانلىقى ۋە مەدەت بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» قاتارلىق 3 تەشكىلاتنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئاتىغان. بۇ تەشكىلاتلارنى «چېگرا سىرتىدا تۇرۇپ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللاندى» دېگەن. ماقالىدە يەنە «1990-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بۇ ‹شەرقىي تۈركىستانچىلار› نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 خىل كۈچلەر شىنجاڭ رايونىدا قانچە مىڭ قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، يەرلىك خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلدى،» دەپ ئەيىبلىگەن.

ماقالىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ د ئۇ ق غا بولغان ھېسداشلىقى ھەم قوللاشلىرىنى «تېررورىزمنى قوللىغانلىق» دەپ شەرھىيلىگەن بولۇپ، «ئامېرىكانىڭ جەنۋەدىكى ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىلىرى بۇ يىل 2-ئايدا ۋە 7-ئايدا دولقۇن ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈپ ‹شەرقىي تۈركىستانچىلار› نىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغان ۋە د ئۇ ق نىڭ خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەشكەن» دېگەن جۈملىلەرنى ئىشلەتكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇشۇ بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا د ئۇ ق باشلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە قارشى 20 پارچىغا يېقىن ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ ماقالىلەردە «ئوخشاش بىر ناخشىنى تەكرار توۋلىغان». ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ د ئۇ ق نى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى قارىلاش ھەرىكىتىنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»، «ئامېرىكانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى قوش ئۆلچىمى ئوت بىلەن ئويناشقانلىق» ناملىق بۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خۇلاسىلەپ، ئامېرىكانى 5 جەھەتتىن مۇنداق ئەيىبلىگەن:

بىرىنچىدىن، «ئامېرىكا ‹شەرقىي تۈركىستانچى› ئۇنسۇرلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ‹شەرقىي تۈركىستانچى› لارنىڭ كاتتىۋاشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا مەدەت بېرىپ، ‹شەرقىي تۈركىستانچى› لارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويدى.»

ئىككىنچىدىن، «ئامېرىكا ‹شەرقىي تۈركىستانچى› لارنىڭ ياردەمگە ئېرىشىش قاناللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۆزلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ‹شەرقىي تۈركىستانچى› لار بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ كۆۋرۈكىنى قۇرۇپ چىقتى.»

ئۈچىنچىدىن، «ئامېرىكا تېررورىزمغا قارشى مەنبەلەرنى يېڭىلاش ۋە رەتلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى ئۇقۇمغا زىت مۇقامدا توۋلاپ، ‹شەرقىي تۈركىستانچى› ئۇنسۇرلارنى قوللاش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تېررورىزمغا قارشى تىرىشچانلىقىنى چەكلەشكە ئۇرۇندى.»

تۆتىنچىدىن، «ئامېرىكا ‹شەرقىي تۈركىستانچى› لارنىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ۋە كاللا يۇيۇپ ئەسەبىيلەشتۈرۈش قىلمىشلىرىغا زەربە بەرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن-تۈزۈملەرگە بىناەن ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› نى قۇرۇپ چىقىپ، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنى پەيدا قىلىدىغان تۇپراق ۋە شاراىتنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى قارىلىدى.»

بەشىنچىدىن، «ئامېرىكا جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررورىزمغا قارشى تەدبىرلىرىنى قوللىمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ‹شەرقىي تۈركىستانچى› كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللىدى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەردى.»

گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇخې شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ بۇ ماقالىسىدە جازا لاگېرلىرىنى تېررورىزمغا قارشى قۇرۇپ چىقىلغان «تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ پەردازلايدىغان سەپسەتىسىنى قايتا تەكرارلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»، «ئامېرىكانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى قوش ئۆلچىمى ئوت بىلەن ئويناشقانلىق» ناملىق ماقالىسىنى مۇنداق جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان: «ئامېرىكانىڭ ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك، ماسلاشمىغان قاراشلىرى دۇنياغا ‹ئامېرىكاچە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش لوگىكىسى› نى ئاشكارىلاپ بەردى: ئامېرىكاغا خەۋپ يەتكۈزمىگەنلا بولسا، ئۇ تېررورىزىم ئەمەس؛ ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلىرىگىلا خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا، ئۇ تېررورىزىم ئەمەس؛ پەقەت ئامېرىكاغا خەۋپ يەتكۈزگەن تېررورلۇق كۈچلىرىلا تېررورىزىم ھېسابلىنىدۇ، پەقەت ئامېرىكانىڭ بېكىتكىنىلا ‹تېررورىزىم› ھېسابلىنىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.