3-نويابىر كۈنى شىۋېتسارىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «RSI» خەۋەرلەر قانىلى «ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى لوگانودا» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ لوگانو شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى فىلىپپو لومباردى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، لوگانو بىلەن بېيجىڭنىڭ «دوستلۇق مۇناسىۋىتى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى سۆز بېشى قىلىنغان ئىدى.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «3-نويابىر (چارشەنبە) كۈنى، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى لوگانو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى زىيارەت قىلدى. بىر سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان غەيرى رەسمىي سۆھبەتتە، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى لوگانو شەھرىنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆھبەت ئەسناسىدا ‹لوگانونىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كىشىلەرگە يامان تەسىر بېرىدۇ. چۈنكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىزنىڭ مىللىتىمىز ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. بىز بۈگۈن سىلەرگە خەلقىمىز ئۇچراۋاتقان زوراۋانلىقلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردۇق. بېيجىڭنىڭ جىنايەتلىرىگە دائىر دەلىللەر، خىتاينىڭ ھۆرمەت كۆزى بىلەن قاراشقا لايىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ› دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.»
1-ۋە 2-نويابىر كۈنلىرى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جەنۋە مۇنبىرى 2021» يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 3-نويابىر كۈنى شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئاندېلى ئەپەندى بىلەن بىرگە شىۋېتسارىيەنىڭ لوگانو شەھرىگە بېرىپ، شەھەر باشلىقى فىلىپپو لومباردى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. بۈگۈن لوگانودىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى لوگانو زىيارىتىنىڭ جەريانى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن يېتەرلىك خەۋىرى بولمىغان شەھەر باشلىقى فىلىپپو لومباردى ئەپەندىگە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەن.
شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئاندېلى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، شەھەر باشلىقى فىلىپپو لومباردى ئەپەندى بىلەن بولغان بۇ سۆھبەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
بۇ قېتىمقى سۆھبەت شىۋېتسارىيەنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان لوگانودا نەشىردىن چىقىدىغان ئىتالىيان تىلىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان. «تىچىنو پوچتا گېزىتى» 4-نويابىر ئېلان قىلغان «لوگانو ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلالمىغۇدەك دەرىجىدىكى كىچىك شەھەر ئەمەس» ناملىق خەۋەرمۇ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ لوگانونىڭ شەھەر باشلىقى فىلىپپو لومباردى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە بېغىشلانغان ئىدى.