دولقۇن ئەيسا «خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق بېسىمى ۋە دىنىي ئەركىنلىك» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2019.11.14
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى جەنۋەدە چاقىرىلغان «خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق بېسىمى ۋە دىنىي ئەركىنلىك» ناملىق يىغىندا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
14-ئۆكتەبىر تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مىنىستىرلىقى ھەم تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋە ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «2019-يىللىق جەنۋە مۇنبىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلغان. تەكلىپكە بىنائەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا جازا لاگېرلىرى ھەم خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلىرى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان.
يىغىنغا تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ ساڭگاي، دالاي لامانىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ۋەكىللىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ دېپلوماتلىرى، ب د ت خادىملىرى ھەمدە ئۇيغۇر، تىبەت مۇتەخەسسىسلىرى، خىتايشۇناسلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. يىغىن سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ ساڭگاينىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلانغان.
يىغىننىڭ ئاساسلىق غول تېمىسى «خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق بېسىمى ۋە دىنىي ئەركىنلىك» دېگەندىن ئىبارەت بولغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتە يۇقىرى تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆز خەلقىنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن ئەمەس، دەل ئەكسىچە خىتاي خەلقى ھەم خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنى نازارەت قىلىپ قىيناشقا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە تامامەن زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ۋە بۇنىڭغا دائىر ئەمەلىي پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا «خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا دوكلات تەقدىم قىلغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قىيناۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي بايان قىلىش بىلەن بىرگە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر بىر قەدەم، ھەر بىر نەپەستە قىيناۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللىرى بىلەن شەرھلەپ بەرگەن.
يىغىندا يەنە تەيۋەن، خوڭكوڭ، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋەكىللىرىمۇ نۇتۇقلار سۆزلەپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇملىرى، تەھدىتلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق توختالغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە بۇ يىغىن تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان بولسىمۇ، يىغىننىڭ ئاساسلىق دىققەت تېمىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بولغان.
يىغىن جەريانىدا تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. بۇ سۆھبەتتە نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەم تىبەت ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى بۇ مىللەتلەرگە سېلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملىرىغا خەلقئارا جامائەتنىڭ ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ سادالىرى، بېسىملىرى ئارقىلىق خاتىمە بېرىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.