درېۋ پاۋلوۋ ئۆزىنىڭ يالغان «بومبا تەھدىتى» سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.07.26
xiao-qian-drew-pavlou.jpg
AP

ئاۋسترالىيە ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ياش سىياسىي پائالىيەتچى درېۋ پاۋلوۋ (Drew Pavlou) ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ مەسىلىسىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى.

درېۋ پاۋلوۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئۇ لوندوندىكى «ئەركىن تىبەت» گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن 22-ئىيۇل كۈنى «پېڭ شۇەي نەدە» پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن لوندونغا بارغان. مەزكۇر پائالىيەتتىن كېيىن ئۇ لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سىرتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ، تىبەتلەرنىڭ ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭ بايرىقىنى تۇتۇپ تىنچ نامايىش قىلغان. شۇ ئەسنادا ساقچىلار ئۇنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلغان «بومبا تەھدىتى» شىكايىتى بىلەن قولغا ئالغان.

درېۋ پاۋلوۋ ۋە ئۇنىڭ ئادۋوكاتى خىتاي ئەلچىخانىسى شىكايەت قىلغان بۇ ئېلخەتنىڭ درېۋ پاۋلوۋنىڭ ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ پۈتۈنلەي بىمەنە، يالغان «بومبا تەھدىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

درېۋ پاۋلوۋ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا قۇرۇلغان بىر «تۇزاق» نىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.