دۇنيا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تىبەت يىغىنى ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش ئىرادىسىنى كۆرسەتكەن
2022.06.23
دۇنيا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 8-قېتىملىق تىبەت يىغىنى 22-ئىيۇن كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋرىن، شۇنداقلا 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات بۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ھەمدە نەنسى پېلوسى خانىم ۋە ھوللىۋودنىڭ كىنو چولپىنى رىچارد گېرRichard Gere)) قاتارلىق داڭلىق شەخسلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشاشلا كۈنتەرتىپتە تۇتۇشقا تىرىشقان؛ شۇنداقلا بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق خىتاينىڭ مۇستەملىكە جىنايەتلىرىگە قارشى تىبەت پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش ئىرادىسىنى كۆرسەتكەن.
نەنسى پېلوسى خانىم بۇ يىغىندا سۆزلىگەن ئېچىلىش نۇتۇقىدا خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇش، تەقىپ-نازارەت، ساياھەت چەكلىمىسى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىنى ئەيبلىگەندىن كېيىن، «ئەگەر بىز سودا-مەنپەئەتنى دەپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە قارشى چىقمىساق، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغان ئەخلاق نوپۇزىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز،» دېگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىملىق يىغىن ئارقىلىق تىبەت پائالىيەتچىلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمكارلىق ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھوللىۋودنىڭ كىنو چولپىنى رىچارد گېر روشەن ئابباس خانىم بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭغا «ھەدەمنى ئىزدەش» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ پائالىيەتتە 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان. بۇ يىغىندا ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، كېلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسى بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنىمۇ خەلقئارانىڭ دىققىتىگە سۇنۇش كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلسى توغرۇلۇق «دۇنيا پارلامېنت ئەزالىرى تىبەت يىغىنى» غا ئوخشاش يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تەپسىلىي مەزمۇنلارنى پروگراممىنىڭ ئاۋازلىق ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.