دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىدا يېڭى خىزمەت پىروگراممىلىرى بېكىتىلدى

بېرىندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.01.10
duq-xizmet-muzakire-2 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىزمەتچىلىرى يېڭى يىللىق خىزمەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنىدا خاتىرە سۈرەت. 2024-يىلى 8-يانۋار، ميۇنخېن.
RFA/Hebibulla

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، 8-يانۋار كۈنى، ميۇنخېندا قۇرۇلتاي مەركىزىدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىننى چاقىرغان. بۇ قېتىمقى يىغىن ميۇنخېن شەھىرىدىكى قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قۇرۇلتاينىڭ مەركىزى ئىشخانىسىدىكى خىزمەتچىلەر، قۇرۇلتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلى، شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ۋەكىلى ۋە قۇرۇلتاي لوندون ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى قاتناشقان.

بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئالدىنقى يىللىق خىزمەتلەردىن قىسقا خۇلاسە بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، قۇرۇلتاينىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ۋەكىللىرى، ئىشخانا ۋە كومىتېت مەسئۇللىرى ئالدىنقى يىللىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىش بىرگە، كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىزمەتچىلىرى يېڭى يىللىق خىزمەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا. 2024-يىلى 8-يانۋار، ميۇنخېن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىزمەتچىلىرى يېڭى يىللىق خىزمەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا. 2024-يىلى 8-يانۋار، ميۇنخېن.
RFA/Hebibulla

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە كۈتىدىغان ئۈمىدى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛

قۇرۇلتاي خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمى دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىممۇ، ئالدىنقى يىللىق خىزمەتلەر جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەردىن ھېس قىلغانلىرىنى ۋە بۇ يىلدا ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ؛

بۇ يىغىندا قۇرۇلتاي لوندون ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەخمۇت خانىم، ئۆزىنىڭ يېڭىچە كۆز قاراشلىرى ۋە بۇ يىلدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش شۇنداقلا خىزمەتلەرنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ جانلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىش ھەققىدە بەزى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيدى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىزمەتچىلىرى يېڭى يىللىق خىزمەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا. 2024-يىلى 8-يانۋار، ميۇنخېن.

د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان، قۇرۇلتاي خىتاي ئىشلىرى كومىتېتنىڭ دىرېكتورى ئادىلجان ئابدۇكېرىم، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۆزىنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە خىتاينىڭ ياۋروپا بازىرىغا سىڭىپ كىرىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلنىڭ خىتاي تاۋارلىرىنىڭ ئەرزانلىقى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ يىلدا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە نۇقتىلىق ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىكى ۋەكىللىرىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى. بۇ قېتىمقى يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا بۇ يىلدا ئېلىپ بارىدىغان خىزمەتلەر ۋە يېڭى يىللىق پىلان-پىروگراممىلار مۇنازىرە قىلىنىپ بېكىتىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.