دولقۇن ئەيسا: «ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› قايتا تەشكىللىنىپ، خىزمەت باشلىدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.06.08
دولقۇن ئەيسا: «ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› قايتا تەشكىللىنىپ، خىزمەت باشلىدى» «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى جەريانىدا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھېيدى خاۋتالا(Heidi Hautalaا) خانىم بىلەن كۆرۈشتى. 2022-يىلى 7-ئىيۇن، فىرانسىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارار لايىھەسىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى قايتىدىن ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن، شۇنداقلا بۇندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي پىلان تۈزگەن. ئىككى كۈندىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ستراسبۇرگدىكى پارلامېنت بىناسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە بىزنى مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ فىرانسىيەنىڭ شەرقىدىكى ستراسبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان پارلامېنت بىناسىغا كەلدۇق. بىزنىڭ بۇ يەردىكى زىيارىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› نى قايتىدىن ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، بۇ گۇرۇپپا 2017-يىلى 11-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدا قۇرۇلغان ئىدى. 2019-يىلىدىكى سايلامدا بۇرۇنقى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۆپى ئالماشتى. بەزىلىرى پېنسىيەگە چىقتى، بەزىلىرى سايلىنالمىدى. شۇڭا ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› نى قايتىدىن تەشكىللىشىمىز كېرەك ئىدى. ئۆتكەن 2-3 يىل ئىچىدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەن تور ئارقىلىق يىغىن ئاچتۇق. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويدى. زىيارەتچى قوبۇل قىلمىغاچقا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش مۇمكىن بولمىغان ئىدى. بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتى چەكلىك دەرىجىدە ئېچىۋېتىلدى. بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن پارلامېنت ئەزاسى رافائېل گلۈككسمان ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› نى قايتا قۇرۇپ چىقتى.»

«ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى جەريانىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىغا تونۇلغان تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز(ئوڭدىن 6-كىشى) ئەپەندىمۇ قاتناشتى. 2022-يىلى 7-ئىيۇن، فىرانسىيە.
«ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان پائالىيىتى جەريانىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىغا تونۇلغان تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز(ئوڭدىن 6-كىشى) ئەپەندىمۇ قاتناشتى. 2022-يىلى 7-ئىيۇن، فىرانسىيە.
RFA/Erkin Tarim

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ستراسبۇرگدىكى پارلامېنت بىناسىدا تۇنجى يىغىنىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتى ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› نىڭ تۇنجى يىغىنى 7-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا تونۇلغان تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز ئەپەندىنىڭ مەخسۇس دوكلات بەردى. يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى، فرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رافائېل گلۈككسمان بىلەن شىۋېتسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى داۋىد لېگا ئەپەندىلەر قوش رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. گېرمانىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى ئەنگىن ئەرووغلۇ ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› قايتىدىن تەشكىللىنىپ خىزمەت باشلىدى.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىغا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى زىيارەتتە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە پىلان تۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ‹ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى› غا ئەزا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرىمىز ھەققىدە پىلان تۈزۈۋاتىمىز. 9-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىر كۈن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بۇ قارار لايىھەسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بەزى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ قارار لايىھەسىگە قارىتا كۈچلۈك قوللاش بار. بولۇپمۇ ‹شىنجاڭ ساقچى ئارخىپلىرى› ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇرۇلدى. شۇڭا ياۋروپا پارلامېنتىدا 9-ئىيۇن كۈنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈسى بۇ قارار لاھىيەسىنىڭ كۈچلۈك قارار بولىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز.»

ياۋروپا پارلامېنتىدا 9‏-ئىيۇن ئاۋازغا قويۇلىدىغان قارار لايىھەسىدە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ۋە باشقا ئىشەنچلىك، مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ھەم تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتلىرى مىسال كەلتۈرۈلۈپ، مۇھاكىمىگە قويۇلىدىغانلىقى مەلۇم. يۇقىرىقى ئورۇنلارنىڭ قارار ۋە دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن بولغاچقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.