ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا 1-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغان
2019.09.27

1-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ نامايىشقا بىر قانچە كۈن ۋاقىت قالدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ نامايىشنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن «تەييارلىق كومىتېتى» قۇرۇپ چىققان بولۇپ، قانچە ئونلىغان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ نامايىش ئۈچۈن بىرقانچە ئايدىن بۇيان تەييارلىق خىزمەتلىرى بىلەن ئالدىراش بولغان.
نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتكەن. نامايىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىريۇسسېلدا جىددىي تەييارلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئاساسەن تاماملىغانلىقىنى بايان قىلدى.
د ئۇ ق تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1-ئۆكتەبىر ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، ئاۋسترىيە، قاتارلىق دۆلەتلەردىن مىڭلىغان ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتنىشىدىكەن.
بۇلاردىن سىرت خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلارمۇ بۇ نامايىشقا قاتنىشىدىكەن ھەمدە خىتاينىڭ 70 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرىدىكەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نامايىشقا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىنىڭمۇ قاتنىشىپ نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
1-ئۆكتەبىر كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتقان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياشار ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقىنى بايان قىلدى.
ياشار ئەپەندى نامايىشنىڭ 1-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 كېچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ياشار ئەپەندى نامايىشنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقانلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
2018-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 5 مىڭ كىشىلىك نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.