د ئۇ ق ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىسى كىمبەرلى خانىمنىڭ ۋاپاتىدىن قايغۇردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022-03-10
Share
د ئۇ ق ئاۋسترالىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىسى كىمبەرلى خانىمنىڭ ۋاپاتىدىن قايغۇردى ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى كىمبەرلي كىتچىڭ خانىم بىلەن. 2022-يىلى 10-مارت.
RFA/Erkin Tarim

ئاۋسترالىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى كىمبەرلي كىتچىڭ خانىم 3-ئاينىڭ 10-كۈنىتۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تەزىيەنامە ئېلان قىلدى. مەزكۇر باياناتلاردا: «ھۆرمەتلىك كىمبەرلي كىتچىڭ خانىم ئالەمدىن ئۆتتى، ئەمدى 52 ياشقا قەدەم قويغانىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش بولدى، ئائىلىسىگە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەۋر تىلەيمىز!» دېيىلگەن.

ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولغان كىمبەرلي كىتچىڭ خانىمنىڭ ۋاپاتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى بەختىيار بۆرە ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ئاۋسترالىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان كىمبەرلي كىتچىڭ خانىمنىڭ ۋاپات خەۋىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇق. ئۆزى 52 ياشقا كىرگەن، قابىلىيەتلىك ياش سىياسەتچى ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى باشلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ناھايىتى كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشقان پارلامېنت ئەزاسى ئىدى. گەرچە بۇ قارار تېخىچە چىقمىغان بولسىمۇ بۇنى چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتاتتى. ‹مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى›نىمۇ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىتاينىڭ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى، ھەر يەردە، ھەر سورۇندا جەسۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدى. تېخى ياش ئىدى، يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. بۇ پەقەت ئاۋسترالىيە سىياسىتىدىكى يوقىتىشلا ئەمەس، بەلكى ئاۋسترالىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈنمۇ زور بىر يوقىتىش. بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەرھۇمغا ۋە ئائىلىسىگە چوڭقۇر تەزىيەمىزنى بىلدۈرىمىز».

بەختىيار بۆرە ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن دوستى كىمبەرلي كىتچىڭ خانىمنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە بولغان تەسىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا كۈچ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىشىمىزچە كىمبەرلي كىتچىڭ خانىم ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپلا قالماستىن، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كەلگەن ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. بەختىيار بۆرە ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

كىمبەرلى كىتچىڭ خانىم 1970-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ كەسپى ئادۋوكات بولۇپ، 2016-يىلىدىكى سايلامدا ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇ، ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ سېناتورى، يەنى كېڭەش پالاتانىڭ ئەزاسى ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت