د ئۇ ق نىڭ بىريۇسسېلدىكى پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.12.12
biryusel-duq-paaliyet-6.jpg

د ئۇ ق بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2019-يىلى دېكابىر، بېلگىيە. RFA/Ekrem

biryusel-duq-paaliyet-5.jpg

د ئۇ ق بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2019-يىلى دېكابىر، بېلگىيە. RFA/Ekrem

biryusel-duq-paaliyet-4.jpg

د ئۇ ق بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2019-يىلى دېكابىر، بېلگىيە. RFA/Ekrem

biryusel-duq-paaliyet-3.jpg

د ئۇ ق بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2019-يىلى دېكابىر، بېلگىيە. RFA/Ekrem

biryusel-duq-paaliyet-2.jpg

د ئۇ ق بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2019-يىلى دېكابىر، بېلگىيە. RFA/Ekrem

biryusel-duq-paaliyet-1.jpg

د ئۇ ق بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر. 2019-يىلى دېكابىر، بېلگىيە. RFA/Ekrem

د ئۇ ق 7-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن 3 چوڭ پائالىيەت نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.

د ئۇ ق 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى بولغان بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا 3 چوڭ پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋاملاشقان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى تاراتقۇ بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسى» بولدى. كۇرستا خەلقئارادىكى تونۇلغان ئاخبارات مۇتەخەسسىسلىرى دەرس بەردى.

خىتاينىڭ خەلقئارانى ئالداش نىيىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ياش تاراتقۇ ھەۋەسكارلىرىنى پائال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنىڭ بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ياش كۇرسانتلارنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

7-دېكابىردىن 9-دېكابىرغىچە «ئۇيغۇر ياشلىرىنى تاراتقۇ بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش» كۇرسىغا پاراللېل ھالدا بىريۇسسېلدا يەنە «د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك يىغىنى» چاقىرىلدى. يىغىنغا قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى تارمىقىدىكى ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ 20 دىن ئارتۇق مەسئۇللىرى قاتنىشىپ، ئىلگىرىكى 6 ئايلىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، كېيىنكى 6 ئايلىق خىزمەت پىلانلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

10-دېكابىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ تەجرىبەخانىسىمۇ؟» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋىسترالىيە، تەيۋەن، بېلگىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئۇيغۇرشۇناسلار، جازا لاگېرلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، دىپلوماتلار، مۇخبىرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

مۇتەخەسسىسلەر يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنى ئاتوم سىناقلىرى ئېلىپ بارىدىغان، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىلىرىنى سىناق قىلىدىغان، ئورگان ئەتكەسچىلىكىنىڭ مەنبەسى قىلىدىغان بىر تەجرىبەخانىغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىننىڭمۇ تەسىرىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى 3 پائالىيەتكە 10 غا يېقىن دۆلەتتىن ۋەكىللەر كېلىپ قاتناشقان بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختالغاندا بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ 3 يىغىننىڭ ھەر جەھەتتىن نەتىجىلىك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن سەدىردىنمۇ يىغىن´غا ئىجابىي باھا بەردى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى 2018-يىلىدىن بۇيان خىتاي بىلەن بولغان دىيالوگ ۋە سۆھبەتلىرىدە ئىزچىل تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شۇ يىلى 4-ئۆكتەبىردە جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 15 ماددىلىق قارار قوبۇل قىلغان ئىدى. بۇ يىل 10-ئاي ۋە 11-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ۋاسلاۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» ھەمدە «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بەردى. 16-19-دېكابىر كۈنلىرى يەنە ياۋروپا پارلامېنتى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، قۇرۇلتاي دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىنلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.