دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 14-ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى مەركەز ئىشخانىسىدا يىغىن چاقىرىپ، 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلىدىغان د ئۇ ق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى. چاقىرىقتا بارلىق ئۇيغۇرلارنى بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ قىلدى.
14-ئاپرېل كۈنىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن قۇرۇلتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى تويىغا تەييارلىق خىزمەت يىغىنىغا گېرمانىيەدىكى جۈملىدىن ميۇنخېندىكى سەرخىللار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى، گېرمانىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپ بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى 3 مەشرەپنىڭ يىگىت باشلىرى ۋە خانىم-قىزلار قاتناشقان. مەزكۇر يىغىندا 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلىدىغان د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش تويىغا ھازىرلىق خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، خىزمەت تەقسىماتى قىلىنغان. يىغىن ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلدى.
ئۇ، سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: «دەل بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى2004-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، يەنى 20 يىل ئىلگىرى مۇشۇ شەھەردە، شۇ ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى جەم بولۇپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ يۈكسەك ھوقۇقلۇق بىر مەركىزىي ئورگىنى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قۇرۇپ چىققان ئىدۇق. مانا ئەمدى تەشكىلاتىمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ 20 يىل جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىرىمىزنىڭ ھەر تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى ياردىمى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارادا ئۇيغۇر دەۋاسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بىر سەۋىيەگە كېلىپ، خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالىدۇق. مۇشۇ ئۆتكەن 20 يىللىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ خۇلاسىسى شەكلىدە 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە بولغان 3 كۈن جەريانىدا ميۇنخېندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلىرىمىزنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.»
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى چاقىرىقىدا ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا ھەر خىل پائالىيەتلىرىمىز بولىدۇ. مېھمانلارنى سىلەرنىڭ ماددىي ياردىمىڭلار بىلەن سېتىۋالغان مۇشۇ مەركىزىمىزدە كۈتۈۋالىمىز. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كارخانىچىلىرىمىزنىڭ، تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ، ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ۋە خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىمىزنى، ئىشخانىمىزنى سېتىۋېلىپ رەسمىي خىزمەتكە ئاچتۇق. 20 يىللىق تويىمىزدا بۇ يېرىمىزنى سىلەرگە تونۇشتۇرىمىز. بىز تەييارلىق خىزمەتلىرىمىزنى بۇ مەركەزدە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەتكە دىنىي ئۆلىمالىرىمىز، زىيالىيلىرىمىز، جامائەت ئەربابلىرىمىز كېلىدۇ. كۆپ ساندا چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ كېلىدۇ. بۇلار بىلەن سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزىمىز. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىمىز كېلىدۇ. بۇ سەنئەتچىلىمىز بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەتلىرىمىزنى نامايەندە قىلىدۇ. دېمەك بىز مول مەزمۇنلۇق ۋە كۆپ خىللىققا ئىگە پائالىيەتلەر بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىق تويىنى ئۆتكۈزىمىز.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خاتىرىلەش پائالىيىتىگە 20 ئەتراپىدا دۆلەتتىن 300 ئەتراپىدا ۋەكىل ۋە مېھمان ئىشتىراك قىلىدىكەن. بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىق تارىخىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق كەڭ-كۆلەملىك پائالىيەت ئىكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ شانلىق تويىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈرىكى ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن سېلىۋاتقان تەكلىپنامە تاپشۇرۇپ ئالغان ياكى ئالمىغان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى، بۈگۈن خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتقا ئايلانغان د ئۇ ق نىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر خەلقئارالىق ۋەزىيەتتە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى، ئۆتكەن 20 يىللىق مۇساپە جەريانىدا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ، سۆزىدە، د ئۇ ق ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلارنى تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن 20 يىللىق تويىغا كۆپ ساندا مېھمان تەكلىپ قىلغانلىقىنى، شۇڭا ئارقا سەپ خىزمەتلىرىدە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىپ ھەمكارلىشىشىنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق نىڭ دىنىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل ئىجرائىيە ھەيئىتى مۇئاۋىن رەئىسى، يىغىننىڭ تەييارلىق كومىتېتى مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن ئەپەندى تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇرلار بولسا ئۆزى بىلەن ئالاقە ئورناتسا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، بۇ قېتىمقى يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەييارلانغان دوكلاتنى يىغىن ئەھلىلىرىگە تەقدىم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى زامانىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچى ئورگانلىرى ھېسابلانغان شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە 2004-يىلى 16-ئاپرېل گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە قۇرۇلغان. 20 يىللىق بىر تارىخىي مۇساپىنى باشتىن كۆچۈرگەن د ئۇ ق نىڭ بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلىسىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى سۈپىتىدە ئۆز خەلقىنىڭ ئىشەنچىگە ھەمدە ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا باشلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى، ئەلۋەتتە بىھېساب بەدەللەرنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.