د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6 ئايلىق خىزمەت پىلانى» قوبۇل قىلىندى

ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2023.07.17
dolqun-eysa دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا
RFA/Erkin Tarim

15-ئىيۇل چاقىرىلغان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تور يىغىنىدا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدىمىزدىكى 6 ئايلىق خىزمەت پىلانى» قوبۇل قىلىندى.

مەزكۇر تور يىغىنىدا، ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەندىن كېيىن، ئىجرائىيە رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى ئۆتكەن 6 ئايدا قىلغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرگەندىن كېيىن، ئالدىمىزدىكى 6 ئاي ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇزۇن مۇزاكىرە نەتىجىسىدە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدىمىزدىكى 6 ئايلىق خىزمەت پىلانى» يىغىنغا قاتناشقان ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ بىردەك ئاۋازى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى ۋە قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە شۇ كۈندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرىدىن بولۇپ 35 كىشى ئىشتىراك قىلدى. مەزكۇر يىغىن 8 سائەتتىن ئارتۇق ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا د ئۇ ق تا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدىن كېيىن چاقىرىلغان 3-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئىكەنلىكىنى، يىغىندا مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىپ، خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان خىزمەت پىرىنسىپى بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم بىر يەرگە جەم بولىدۇ. بۇ يىغىندا ئۆتكەن 6 ئايلىق خىزمەتنى خۇلاسىلىگەندىن كېيىن، كېيىنكى 6 ئايلىق خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلىدۇ. بىز بۇ قېتىمقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە يىغىنىنى تور بىلەن ئېچىشقا مەجبۇر بولدۇق. بۇنىڭ سەۋەبى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋە ۋاقىت جەھەتتىن تېجەش. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپى خالىسانە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. خىزمەت ئورۇنلىرىدىن رۇخسەت ئېلىشلىرىمۇ قېيىن بولغاچقا تور ئارقىلىق ئاچتۇق.»

2023-يىلى 7-ئاينىڭ17-كۈنىدىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان مەزكۇر خىزمەت پىلانى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟ بۇ سوئالىمىزغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى جاۋاب بەردى. ئۇ، مەزكۇر يىغىندا خىتاينىڭ ھازىر خەلقئارادا كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان يالغان تەشۋىقاتىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا نۇقتىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، خىزمەت پىلانى تۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى2022-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىدا بايان قىلىنغان ۋەھشىيلىكلەرگە قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش-بارماسلىق ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا ب د ت غا بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنغانىدى. مەزكۇر لايىھەنىڭ نەتىجىسى10-ئاينىڭ 6-كۈنى ب د ت دا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەنگەنىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەت ئىچىدىن ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى 17 ئاۋازغا، خىتاي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى 19 ئاۋازغا ئېرىشكەن. 11 دۆلەت ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەنىدى.

15-ئىيۇل كۈنى چاقىرىلغان 3-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا ئالدىمىزدىكى 6 ئاي ئىچىدە، د ئۇ ق نىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىپ، مەزكۇر قارار لايىھەسىنى قايتا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدە قايتا كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش قارار قىلىنغان. ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

دۈنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى 3-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي مەسىلىلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتىمۇ قارار قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان 1-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلتاي 19 يىلدىن بۇيان ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ ئېلىپ بارماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.