جەنۋەدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە جازا لاگېرلىرى باش تېما قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-09-25
Share

د ئۇ ق جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ۋە ب د ت دىكى پائالىيىتىنى بۈگۈن نەتىجىلىك ئاخىرلاشتۇرغان.

جەنۋەدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، د ئۇ ق 22-سېنتەبىردىن 25-سېنتەبىرگىچە ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن جازا لاگېرلىرىغا قارشى فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى پائالىيىتى زور دىققەت قوزغىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 45-نۆۋەتلىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى پائالىيىتىنىڭ ھەرساھە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ قېتىمقى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى پائالىيىتىگە گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيەدىن كەلگەن بىرقىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق نىڭ پروگرامما ياردەمچىسى ئەۋا ستوكېر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 4 كۈنلىك بۇ پائالىيەتنىڭ نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئىپادە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ قېتىمقى سۈرەت كۆرگەزمىسىگە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى تاللاپ كىرگۈزدۇق. بۇ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر ئەلۋەتتە، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى. بىز بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشى توغرىسىدا ب د ت خادىملىرىغا جىددىي سىگنال بېرىشنى مەقسەد قىلغان ئىدۇق. مەنچە، كۆزلىگەن مەقسەدكە يەتتۇق. بىز فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى پائالىيىتى جەريانىدا يەنە كۆپلىگەن يەرلىك كىشىلەرگە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلىرىنى سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ ھېسسىداشلىقىنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز ئۈچۈن بۇمۇ بىر ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ.»

بۇ قېتىمقى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىنى تاقاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېما ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار بۇ قېتىمقى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى پائالىيىتى جەريانىدا بىرقىسىم دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى ۋە ب د ت نىڭ بەزى مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن ئۇچرۇشۇش ئۆتكۈزۈپ، ئۇلاردىن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشى توغرىسىدا چارە-تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت