بوسنىيەدە چاقىرىلغان 8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «دائېش» نىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى
2024.10.24

نۆۋەتتە بوسنىيەنىڭ پايتەختى سارايېۋودا ئېچىلماقچى بولغان 8-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىقلىرى پۈتۈپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋەكىللەر بۈگۈن 24-ئۆكتەبىر كۈنى بوسنىيە پايتەختى سارايېۋوغا يېتىپ كەلدى. شۇنداقلا بۈگۈن ئەتىگەندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئالدى-كەينىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا يىغىندىن كېيىن نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈن ئەتىگەن ئۆزىنىڭ نامىدا ساختا ئېلخەتلەر تارقىتىلغانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ بوسنىيەدىكى بەزى مۇخبىرلارغا قۇرۇلتاينى قارىلايدىغان ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەنلىكىنى، بۈگۈن يەنە قۇرۇلتاينىڭ يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ دائېش سىياقىدىكى كىشىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تېلېۋىزىيەسىدىن ئىپتىخار ئابدۇرېشىت، بۇ ئۇچۇر ھەققىدىكى تەپسىلاتلاردىن مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرەبچە بىلىدىغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئەرەپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ بۇ سىن كۆرۈنۈشىدىكى بەزى تەپسىلاتلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدىن بۇرۇن، قۇرۇلتاي يىغىنى ئېچىلماقچى بولغان «تەتىل مېھمانسارىيى» غا خىتاينىڭ بوسنىيەدىكى ئەلچىخانىسى ئۈچ ھەسسە ئارتۇق پۇل بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى بىكار قىلىۋېتىشىنى ئېيتىپ ئادەم ئەۋەتكەن. ئەمما مېھمانساراي تەرەپ خىتاينىڭ بۇ يولسىز تەلىپىنى تىجارەت ۋە ئادىمىيلىك ئەخلاقىغا خىلاپ دەپ رەت قىلغان. بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسى دىرېكتورى غەيۇر قۇربان، بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئالدىدا خىتاي تەرەپنىڭ ھەر خىل تەھدىت ۋە بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما قۇرۇلتاينىڭ بۇنداق تەھدىتلەرگە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دائېش سىياقىغا كىرىۋالغان ئازغۇنلارنىڭ ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى بوسنىيەدىكى يىغىن مەزگىلىدە، سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسانى تۇتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانىدى. قۇرۇلتاي ئىشخانىسى بۇ ھەقتە، بۇ مەسىلىنىڭ قۇرۇلتاينىڭ مەسىلىسى بولۇشتىن ھالقىپ، ھازىر ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان بەزى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىلاشقان خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىدىغانلىقىنى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىمۇ بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.