7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر سايلىمى خەلقارا مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.08.24
7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر سايلىمى خەلقارا مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالدى د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل سايلاش پائالىيىتىدە سايلامغا نازارەتچىلىك ۋە رىياسەتچىلىك قىلىش ھەيئىتى ۋە پائالىيەتكە تەييارلىق قىلغۇچىلار. 2021-يىلى 22-ئاۋغۇست، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

22-ئاۋغۇست كۈنى 25 دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللەر سايلىمى خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى.

22-ئاۋغۇست كۈنى 25 دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللەر سايلىمى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىزچە سەھىپىلىرىدە خەۋەر قىلىنغاندىن تاشقىرى، بىرقىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالدى.

گېرمانىيەنىڭ «نېخ 24» خەۋەرلەر سەھىپىسى 22-ئاۋغۇست كۈنى «ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلىدى» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە 25 دۆلەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ 200 نەپەر ۋەكىلىنى سايلاپ چىققانلىقى، بۇ سايلامنىڭ بۇ يىل 11-ئايدا پراگادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى، 2004-گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە قۇرۇلغان د ئۇ ق نىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ غوللۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. خەۋەردە يەنە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازاب تارتىۋاتقانلىقى، بىراق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدە مەجبۇرىي ئەمگەك، پىلانلىق تۇغۇت ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنىڭ مەتبۇئاتلار تەرىپىدىن كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىۋاتقانلىقى، بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل سايلاش پائالىيىتىدە سايلامغا نازارەتچىلىك ۋە رىياسەتچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە بىلەت تاشلانماقتا. 2021-يىلى 22-ئاۋغۇست، گېرمانىيە.
د ئۇ ق نىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل سايلاش پائالىيىتىدە سايلامغا نازارەتچىلىك ۋە رىياسەتچىلىك قىلىش ھەيئىتىنىڭ نازارەتچىلىكىدە بىلەت تاشلانماقتا. 2021-يىلى 22-ئاۋغۇست، گېرمانىيە.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللەر سايلىمىنىڭ خەلقارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختالغاندا، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇش سالمىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

24-ئاۋغۇست تەيۋەندە نەشىردىن چىقىدىغان «مىنباۋ» ( «تەيۋەن ئاۋام گېزىتى» ) مۇ بۇ ھەقتە «د ئۇ ق بۇ يىل 11-ئايدا 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى چاقىرماقچى» ناملىق تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ۋەكىللەر سايلىمى توغرىسىدا د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىتنى زىيارەت قىلغانلىقى، دىلشات رېشىتنىڭ 11-ئايدا پىراگادا ئۆتكۈزىلىدىغان 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق غا كۆپلىگەن دۆلەتلەردىن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى كېلىپ قاتناشقاندىن سىرت، يەنە بەزى دۆلەتلەرنىڭ دېپلوماتلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە داڭلىق سىياسىي شەخسلەرنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، 22-ئاۋغۇست 25 دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللەر سايلىمىغا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىقىپ، ئۆزىدىن مەزكۇر سايلام توغرىسىدا مەلۇماتلار سورىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق 22-ئاۋغۇست 25 دۆلەتتە سايلام ئۆتكۈزۈپ، 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئۈچۈن ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغان 300 دىن ئارتۇق ۋەكىل نامزاتلىرى ئىچىدىن خەلقنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن 200 نەپەر ۋەكىلنى سايلاپ چىققان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.