د ئۇ ق بىر ھەپتە ئىچىدە شىۋېتسارىيەدە كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان
2019.12.03
د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە، بېرن ۋە زۇرىك شەھەرلىرىدىكى بىر ھەپتىلىك پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان.
25-نويابىردىن ئېتىبارەن شىۋېتسارىيەدە بىر ھەپتىلىك سىياسىي پائالىيەتلىرىنى باشلىغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق قۇرۇلتاي خادىملىرىنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە ۋە شىۋېتسارىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان.
ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە 25-نويابىر چاقىرىلغان «كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا مۇنبىرى» ناملىق يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، چەتئەل كارخانىلىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملىرىغا ھەمتاۋاق بولماسلىققا چاقىرغانىدى. 28-نويابىر قۇرۇلتاي خىزمەتچى خادىمى زۇمرەت ئۇيغۇر ب د ت دا چاقىرىلغان «12-نۆۋەتلىك ئازسانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ھەم مائارىپى› ناملىق يىغىنىدا دوكلات قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقارغانلىقىنى، يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي قوللىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقىنى ئەتراپلىق بايان قىلىپ ئۆتكەن.
زۇمرەت ئۇيغۇر بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ھەتتا جازا لاگېرلىرىدىمۇ خىتاي تىلى ئۆگىنىشنى بىرخىل جازا سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
بۇ پائالىيەتكە د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋىن ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىن ئەھلىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. پىتېر ئىرۋىن بۇ خۇسۇستا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قېتىم ب د ت دا ئۆتكۈزۈلگەن بىرقانچە يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھۆججەتلەرنىڭ يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارا قىلىنىشى ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى بۈگۈن خىتاي يوشۇرۇپ قالالمايدىغان بىر مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشى، بۇ تەشۋىقاتلاردا جازا لاگېرلىرىنى «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ پەردازلىشى بەزى كىشىلەردە يەنىلا قايمۇقۇش پەيدا قىلغان. كىشىلەر ب د ت دىكى يىغىندا مەندىن جازا لاگېرلىرىنىڭ ھەقىقىي سانى، ئۇ يەرگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ لاگېرلاردا زادى قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەمدە خىتاينىڭ مەقسىتىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن سوئاللارنى سورىدى.»
بۈگۈن 3-دېكابىر شىۋېتسارىيەنىڭ زۇرىك شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا شىۋېتسارىيەدە كۆپلىگەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن سۆھبەتلەردە بولۇپ، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمىگە خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شىۋېتسارىيەدىكى پائالىيەتلىرى ئەسناسىدا شىۋېتسارىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىيو تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان س ر ف نىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغان. ئۇ مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدىمۇ، شىۋېتسارىيە كارخانىلىرىنىڭ خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىغا ياردەم بېرىشتىن قول ئۈزۈشىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملىرىغا شېرىك بولماسلىقنى ۋە شىۋېتسارىيە كارخانىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ فىلىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالماقتا.