دوغان بېكىن: «تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلۇشى شەرت»
2024.10.11

9-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن قاتارلىق 5 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «يەنىدىن رەفاھ» (يېڭى رەفاھ) پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن، «سائادەت» ۋە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئاييۈجە تۈركەش قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلارنى سۇندى. ئاخىرىدا بەزى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىپ سوۋغات تەقدىم قىلدى. ئۇچرىشىشتا دوغان بېكىن ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلۇشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇچرىشىش ئاخىرىدا سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن دوغان بېكىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپتۇ. ئۇلار 2 كۈندىن بۇيان تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلماقچى بولغانلىرىمىزغا يول كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردى.»
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى پارلامېنتى تەرىپىدىن بىردەك «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلىشى؛ شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ خەلقئارادا كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىشى بىلەن «يېڭى رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى دوغان بېكىن ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا كۆپ قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشكە چاقىرغانىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ تۈرك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئىشنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى بىلىمىز. مەن تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل بولغاچقا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن، بۇ مەسىلىدە تۈركىيە باشچىلىقىدا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بالدۇرراق ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلىشىش كېرەك. چۈنكى خىتاي ئۆز مېلىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئارقىلىق ساتىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. بىز ئۇلارنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. بىز ‹يېڭى رەفاھ› پارتىيەسى بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنى قوللايمىز. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»
تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى خېلى كۆپەيدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىمۇ كونكرېت بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ توغرىلىق نېمە قىلماقچى؟ دېگەن سوئالىمىزغا دوغان بېكىن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ مەسىلىدە، تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بىر كومىتېت قۇرۇلۇشى كېرەك. بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىدىن بىرى بولغان سەلچۇق ئۆزداغ بۇ توغرىلىق تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان، لېكىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قارشى ئاۋاز بېرىپ، رەت قىلىنغانىدى. ئەمدى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر كومىتېت قۇرۇلسا، بۇنىڭغا ئەزا پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ئۆمەك شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ دوكلات تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە سۇنسا، ھۆكۈمەت بۇ دوكلاتقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بۇ مەسىلە توغرىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارسا ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمىز. بىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىۋاتىمىز.»
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى، 8-9-ئۆكتەبىر كۈنلىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغاندىن سىرت، ئەنقەرەدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىدىن «تامغا تۈرك» ۋە ئاۋاز ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇچرىشىشلارغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلخەمىت ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.
د ئۇ ق خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى ئادىل ئابدۇكېرىم ئەپەندى بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ بىرى. ئۇ، 8-9-10-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئەنقەرەگە ئېلىپ بارغان زىيارەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈركىيەدە ۋە خەلقئارا سورۇنلاردا، بولۇپمۇ تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
د ئۇ ق ۋە باشقا ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى2019-يىلدىن باشلاپلا مالايشىيا ۋە ھىندونېزىيەنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئۇ دۆلەتتىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى، مۇتەخەسسىسلەرنى مۇسۇلمان جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا مايىل قىلىش، ب د ت، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا سورۇنلاردا ئۇ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان ھەم مەلۇم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.