خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتلىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن خىتاينىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن ئارگېنتىنا سوتىغا ئەرز سۇنغان
2022.08.17
8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئەنگىلىيە خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولاك (Michael Polak)، ئارگېنتېنالىق ئادۋوكاتلاردىن گەبرىئېل كاۋاللو (Gabriel Cavallo) ، خۇئان نېتو Juan Nieto)) قاتارلىقلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ۋاكالىتەن، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ۋە خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولاك قاتارلىقلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئارگېنتىنا پايتەختى بۇئېنوس-ئايرېسقا يېتىپ بېرىپ، بىر نەچچە كۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن ۋە 17-ئاۋغۇست كۈنى ئارگېنتېنا جىنايى ئىشلار سوتىغا بېرىپ، خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزنى يەتكۈزگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ جىنايىتى نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، لاگېر شاھىدلىرى ۋە ئۇيغۇر سوتى ئارقىلىق دەلىللەنگەن بولسىمۇ، جىنايەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئايرىم مەسىلە، ئۇنىڭدىن ھېساب سوراش ئايرىم مەسىلە ئىكەن. ئۇ بۇ قېتىم ئارگېنتىنا سوتىغا ئەرز سۇنۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بايان قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرى ئارقىلىق خىتاينى سوتقا تارتىش مۇمكىن بولمىغان تەقدىردە، ئارگېنتىنا سوتى ئارقىلىق جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ ئەرزنامىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق جىنايىتى ھەمدە بۇ جىنايەتنىڭ ئەڭ چوڭ جاۋابكارلىرى كۆرسىتىلگەن. ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئادەم قىيناش جىنايەتلىرىدىن ھېساب سوراش ھوقۇقى بار ئىكەن.
بۇ ئەرزنىڭ سۇنۇلۇشى دەسلەپكى مۇھىم قەدەم بولۇپ، ئەگەر سوتچىلار دېلو تۇرغۇزۇشنى قارار قىلسا، جىنايەتنى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەش باسقۇچى باشلىنىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى سوتقا تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىللەرنى سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ئىسپاتلايدىكەن. سوت بۇ دەلىللەرگە ئاساسەن جاۋابكار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىدىكەن ۋە ئۇنىڭغا سوت ئاچىدىكەن. سوت ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئەڭ چوڭ شەخسنىڭ دېلوسىنى تۇرۇغۇزسا، گۇۋاھچىلارنى سوتتا ئىسپات بېرىشكە چاقىرىدىكەن.
بۇ ئەرز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ جىنايەت ئىسپاتلىرىنى خەلقئارا سوتقا رەسمىي سۇنۇشى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم خىتاي زوراۋانلىرىنىڭ قەبىھ جىنايەتلىرىدىن ھېساب سوراش يولىدىكى مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدىكەن.
8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇنۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئاخبارات باياناتنامىسىدە، خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكېل پولاك مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق خەلقئارا جىنايىتىدىن ھېساب سورايدىغان، ئادالەت تەلەپ قىلىدىغان بىر تارىخىي پەيتىدۇر. ئىرقىي قىرغىنچىلىق قايتا يۈز بەرمىسۇن دېگەن شوئار يىللارچە تەكرارلىنىپ كەلدى. ئەمما بىزدە، 2022-يىلدا مىللىي ۋە دىنىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە باي مەدەنىيىتى يوقىتىلىشقا ئۇچراۋاتىدۇ».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا مۇنداق دېگەن: «بۇ ئەرز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ئادالەت تەلەپ قىلىش ۋە جىنايەتچىلەردىن ھېساپ ئېلىش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدىمىدۇر. يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشىنى كۈتۈپ ئاخىر ئۈمىدىسزلەنگەنىدى. ھالبۇكى، بۇ قېتىم ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنغان ئەرزىمىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولغۇسى».
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ بۇ ئەرزىمىز قەبىھ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ سوئال-سوراقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر خەلقئارا سوت مەھكىمىسى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى قاتارلىق خەلقئارا سوت ئورگانلىرى خىتاينىڭ جىنايەت ئىسپاتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە يارىمىسا، ئۇنداقتا مەلۇم دۆلەتنىڭ سوت مەھكىمىسى خىتاينىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلىدۇ».
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىم ئارگېنتىنا سوتىغا خىتاي ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى ۋە سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.