د ئۇ ق ئۆتكەن يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، 2025-يىللىق خىزمەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
2025.01.06
![turghunjan-alawudun-1-1024 turghunjan-alawudun-1-1024](https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/duq-8-rehberler-saylandi-10262024172615.html/turghunjan-alawudun-1-1024.jpg/@@images/f9ad78b7-ffda-4170-97b2-e5790e30a9a2.jpeg)
2024-يىلى ئاخىرلىشىپ 2025-يىلى يېڭى كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر يىغىنى چاقىرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2024-يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ، نۆۋەتتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2025-يىللىق خىزمەت پىلانلىرى توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، يېڭى قەدەملىرىنى تاشلىدى.
يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى، ھەر قايسى كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە 8-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا سايلانغان ۋەكىللەردىن بولۇپ، جەمئىي 118 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. بۇ يىغىندا يەنە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە سابىق رەئىس دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرمۇ سۆز قىلدى. ئۇلار 2024-يىلى ئېلىپ بېرىلغان، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 8-قۇرۇلتايدىن كېيىنكى خىزمەتلەر توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئاندىن 2025-يىلى نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى ۋە تەلەپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تور يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى، يىغىننى ئېچىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق بۈگۈن ئاچقان ئومۇمىي ۋەكىللەر تور يىغىنىدا 2024-يىللىق، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا بوسنىيەدە چاقىرىلغان 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنى قىسقىچە خۇلاسە قىلدۇق. يېڭى بىر يىلدىكى خىزمەت پىلانىنى تۈزۈش ئۈچۈن ۋەكىللىرىمىزنىڭ، مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ، جەمئىيەت ئەربابلىرىمىزنىڭ، ئالىي مەسلىھەتچىلىرىمىزنىڭ ۋە سابىق رەئىسىمىزنىڭ پىكىرلىرىنى ئېلىش ئارقىلىق، 2025-يىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئاچتۇق».
تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى يىغىندا نۇرغۇن تەلەپ-پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى: «بۇ يىغىندا ناھايىتى ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بولۇپمۇ خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەر، ئامېرىكا، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش مەسىلىسى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ كەلگۈسى دەۋايىمىزغا بولغان پايدىلىق تەرەپلىرى ۋە ئۆزگىرىشلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ يوللىرى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلىرىمىز، ئالىي مەسلىھەتچىلىرىمىز، تەجرىبىلىك سابىق رەھبەرلىرىمىز ۋە ۋەكىللىرىمىزنىڭ تەلەپ-پىكىرلىرى ئېلىندى. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى چاقىرىپ، پىلانلىرىمىزنى ماقۇللاتقاندىن كېيىن، بۇ پىلان بويىچە پائالىيەتلىرىمىزنى باشلايمىز».
تور يىغىنىدىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر يىغىن چاقىرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ بۇ يىغىندا ناھايىتى مۇھىم پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، يېقىن ئارىدا ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىدىن كېيىن 2025-يىللىق پىلانلارنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى، بۇ يىغىندا خەلقئارا ۋەزىيەت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى، شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى(UHRP)، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ((WUC)، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە ئارگېنتىنا فېدېراتسىيە جىنايى ئىشلار ئالىي سوتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئۈستىدىن بىۋاسىتە سوت ئېچىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2024-يىلىدا ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىغا ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە قاراتقان دىپلوماتىيەلىك پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، 2025-يىلىدىمۇ بۇنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماقۇللىتىش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا قارشى كۇرەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
1-ئاينىڭ 4-كۈنى تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللەر يىغىنىدا، د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندى 2024-يىلىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر توغرىسىدا نۇقتىلىق توختالغاندىن كېيىن، يىغىن ئەھلى 2025-يىللىق خىزمەت پىلانىغا بولغان كۆز قاراشلىرى ۋە قوشۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. 3 سائەت داۋاملاشقان يىغىن ۋەكىللەرنىڭ 2025-يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەلەپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن ئاخىرلاشتى.