دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3 يىللىق خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

0:00 / 0:00

6-فېۋرال چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ تور ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ 3 يىل جەريانىدا قىلغان خىزمەتلىرى كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىلدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، د ئۇ ق ئەسلىدە 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا چاقىرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتايدىن تارالغان كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ دۇنيادا يامراپ كېتىشى سەۋەبلىك ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. شۇڭا د ئۇ ق 6-فېۋرال كۈنى تور ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىپ، 3 يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى بەرگەن. د ئۇ ق رەھبەرلىرى د ئۇ ق نىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى، قۇرۇلتايغا ئەزا تەشكىلاتلار بىلەن قۇرۇلتاينى ئىزچىل ھالدا قوللاپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، لاگېر شاھىتلىرى، د ئۇ ق نىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بولۇپ 20 دۆلەتتىن 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھاممەت ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىن ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىندا ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قۇرۇلتاينىڭ 3 يىللىق پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىپ ئۆتكەن. ئارقىدىن ئامېرىكا، كانادا، ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا تۇرۇۋاتقان د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2017-يىلى نويابىر ئېيىدا مىيۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا د ئۇ ق رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنى 15 نۇقتىغا ئىخچاملاپ ئاڭلاتقان. ئۇ بۇ ھەقتە راديومىزغا مەلۇمات بەردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە د ئۇ ق ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان تەشكىلاتلار، گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ۋە كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغان كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە د ئۇ ق نىڭ ئەنگىلىيەدىكى ۋەكىلى، د ئۇ ق لوندون ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەخمۇت خانىم دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا ئەنگىلىيەدە د ئۇ ق نىڭ ئىشخانىسى ئېچىلىشتىن بۇرۇن 30-40 پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىۋاتقان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە 650 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

6-فېۋرال كۈنى چاقىرىلغان د ئۇ قنىڭ ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا ئالدى بىلەن قازاقىستاندا 63 ئۇيغۇر مەكتىپى، بىر تىياتېر بارلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا خىتاينىڭ تەسىرى كۈچىيىۋتقان بولسىمۇ، نامايىشتىن باشقا بارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا د ئۇ ق نىڭ دەۋا پروگراممىسىنىڭ يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى كوئېن ستوپ ئەپەندى بولسا د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى. يىغىندا د ئۇ ق نىڭ ھازىر خەلقئارادىكى 230 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇندىن كېيىن بۇ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

د ئۇ ق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ دەۋامى 13-فېۋرال كۈنى ئېچىلىدىغان بولۇپ، يىغىندا بۇندىن كېيىن قىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.