د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى چاقىرىلىپ قارارلار قوبۇل قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-11-16
Share
duq-ijraiye-yighin.jpg د ئۇ ق نىڭ تور ئارقىلىق چاقىرىلغان 6-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 15-نويابىر.
RFA/Ekrem

15-نويابىر چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، د ئۇ ق ئەسلىدە 6-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىنى 11-ئايدا چېخىيەنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە چاقىرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتايدىن تارالغان كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ ياۋروپادا ئەۋج ئېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 6-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى 15-نويابىر كۈنى تور ئارقىلىق چاقىرىلغان. يىغىنغا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 15 دۆلەتتىكى 35 نەپەر ئەزاسى قاتناشقان. يىغىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان.

يىغىندا ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قۇرۇلتاينىڭ ئىلگىرىكى 6 ئايلىق خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىپ ئۆتكەن. ئۇ سۆزىدە، ئۆتكەن 6 ئاي ئىچىدە ئامېرىكادا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن ماقۇللانغانلىقىنى، كانادا پارلامېنتىنىڭ تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشلارنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقىنى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ تالاش-تارتىش قىلىنغانلىقى ھەمدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، 39 دۆلەتنىڭ ب د ت دا ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، گەرچە بۇ 6 ئايدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىغا يېتەرلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

يىغىندا د ئۇ ق نىڭ ھازىر خەلقئارادىكى 230 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۆتكەن 6 ئايدا 65 دۆلەتتىكى 100 شەھەردە 165 خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئورتاق باياناتلار ئېلان قىلىش، نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نەتىجىلەرنىڭ يەنىلا يېتەرلىك ئەمەسلىكى تەكىتلىنىپ، بۇندىن كېيىنكى 6 ئايدا ئېلىپ بارىدىغان بەزى مۇھىم تېمىلارغا كۈچ سەرپ قىلىش پىكرى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

د ئۇ ق نىڭ نىزامنامىسىگە بىنائەن 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا سايلانغان رەھبەرلەرنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى بۇ يىل 11-ئايدا ئاخىرلاشقان بولۇپ، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك 7-قۇرۇلتاينى ۋاقتىدا چاقىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، مەزكۇر يىغىندا د ئۇ ق نىڭ ھازىرقى مەۋجۇت رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ كېلەر قېتىملىق قۇرۇلتاي چاقىرىلغۇچى بولغان ئارىلىقتا ۋەزىپىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى توغرىسىدا قارار ئېلىنغان.

بۇ قېتىمقى يىغىندا كەلگۈسى 6 ئاي ئىچىدە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قارارلار قوبۇل قىلىنغان. بۇ پىلانلار غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە زېمىن ئىكەنلىكى» نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى، خەلقئارا ھوقۇقچىلارغا مەخسۇس دوكلات ھازىرلاتقۇزۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇش، مەتبۇئاتلارنى بۇ خۇسۇستا تېخىمۇ قوزغاش، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىگە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش، ماگنىتىسكىي قانۇنىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يولغا قويدۇرۇشقا تىرىشىش، دۇنيادىكى مەشھۇر سىياسەتچىلەر، دىپلوماتلارنى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە خىتايغا قارشى تېخىمۇ كۆپ قارارلارنى ئالدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، 5 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. يىغىندا د ئۇ ق رەئىسلىك قاتلىمىدىكىلەر، ئىجرائىيە كومىتېتى تەركىبىدىكى ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ مۇدىرلىرى، قۇرۇلتاينىڭ مەسلىھەتچىلىرى، تەپتىشلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت