غايىب شوپۇر ئەبۇزەر ئابباسنىڭ غۇلجا جېلىليۈزى قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى
2024.01.09
Ebuzer-Abbas-1 غۇلجا كېپەكيۈزىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جېلىليۈزى قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 24 ياشلىق ئەبۇزەر ئابباس ئانىسى پەخىرنىسا توختى بىلەن. 2022-يىلى دېكابىر، غۇلجا.
Oqurmen teminligen

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان نۇرئەلى نۇراخۇن ئۆتكەن ئايدا رادىيومىزغا مەھبۇس دادىسى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىق باياناتىدا، 24 ياشلىق نەۋرە ئاكىسى ئەبۇزەر ئابباسنىڭمۇ بۇنىڭدىن 4 ئاي بۇرۇن غۇلجا كېپەكيۈزىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە تا ھازىرغىچە نەدىلىكى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە خەۋەر يوقلۇقىنى مەلۇم قىلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىدە، ئەبۇزەر ئابباسنىڭ 11 يىل بۇرۇن مەھەللە مەسچىتىنىڭ مەدرىسەسىدە ھەپتىيەك ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە نۆۋەتتە غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جېلىليۈزى قاماقخانىسىدا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

تۈركىيەدىكى بىر ئاليۇمىن زاۋۇتىدا ئىنژېنېر بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرئەلى نۇراخۇن ئۆتكەن ئايدا تۈرمىدىكى دادىسى ھەققىدە رادىيومىزغا بەرگەن گۇۋاھلىق باياناتىدا، 24 ياشلىق نەۋرە ئاكىسى ئەبۇزەر ئابباسنىڭمۇ 4 ئايدىن بېرى ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەنىدى. دېيىلىشىچە، قۇرۇلۇش ماشىنىسى يەنى كىران ھەيدەپ تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ئەبۇزەر ئابباس، نامەلۇم سەۋەب بىلەن يېرىم كېچىدە ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. نۇرئەلى نەۋرە ئاكىسىنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنمۇ، تونۇش-بىلىشلىرىدىنمۇ ئۇچۇر ئالالمىغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھەر كېپەكيۈزى ساقچىخانا خادىمى يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە كېپەكيۈزىنىڭ ئارا مەھەللە كەنتىدىن تۇتقۇن قىلىنغان كىملەر بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئەبۇزەر قاتارلىق 4 كىشى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

غۇلجا كېپەكيۈزىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جېلىليۈزى قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 24 ياشلىق ئەبۇزەر ئابباس. 02022-يىلى دېكابىر، غۇلجا.
غۇلجا كېپەكيۈزىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جېلىليۈزى قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 24 ياشلىق ئەبۇزەر ئابباس. 02022-يىلى دېكابىر، غۇلجا.
Oqurmen teminligen

كېپەكيۈزىدىكى ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ئالاقىدار خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەبۇزەر «قانۇنسىز» دىنىي پائالىيەتلەرگە چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلاردا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» گۇمانى پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن 11 يىل بۇرۇن، يەنى 13 ياش ۋاقتىدا، مەھەللە مەسچىتىدىكى مەدرىسەدە ھەپتىيەك ئۆگەنگەنلىكى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» دەپ قارالغان. ئۆتكەن يىلى ئاشكارىلانغان توققۇزاق ساقچى ئارخىپلىرىدا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن 10-20 يىل ئاۋۋال ئاتا-ئانىسى ياكى بوۋا-مومىسىدىن بىرقانچە سائەت قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر ئالاقىدار خادىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەبۇزەرنىڭ «قانۇنسىز» پائالىيىتى 2017-يىلى بايقالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئەبۇزەر 18 ياشقا توشمىغاچقا تۇتۇلمىغان؛ ئۇ ئۆتكەن يىلى ساقچىلارنىڭ «توردىن چۈشۈپ قالغانلارنى تازىلاش ھەرىكىتى» دە يېزىدىكى بىر تۈركۈم ياشلار بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان.

كېپەكيۈزى ساقچىخانىسىدىكى يەنە بىر خادىم، ئەبۇزەر ئابباسنىڭ بىر مەزگىل كېپەكيۈزى ساقچىخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ جېلىليۈزى قاماقخانىسىغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئەبۇزەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە خەت چىقىرىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بۇ خادىممۇ ئەبۇزەرنىڭ دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى دەلىللىدى.

ئۆتكەن يىلقى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئۈرۈمچىدە زۇليار ياسىن قاتارلىق 10 نەچچە ياشنىڭ بۇرۇن تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بۇلارنىڭمۇ 2017-يىلى چوڭ تۇتقۇن باشلانغاندا يېشى 18 گە توشمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇندىن ئامان قالغانلىقى مەلۇم بولغان. ئەمما ئىلگىرى قەشقەردىكى بىر لاگېر ساقچىسى توققۇزاقتىكى لاگېردا 14 ياشتىن 80 ياشقىچە كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى مەلۇم قىلغان. بۇ ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ياش ئۆلچىمىنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى سىياسىي قانۇن ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە بېكىتىلگەنلىكى ۋە ياكى ياش ئۆلچىمىنىڭ بەزىدە تۇتقۇندا سان تولدۇرۇش ئۈچۈن چەتكە قايرىپ قويۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.