ئەكبەر ئەسئەتنىڭ 40 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى: خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۈزۈلمىگەن ئازادلىق سادالىرى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شەھرىزاد تەييارلىدى
2025.01.07
ekber-esed-ekber-eset.jpg «باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان ياش كارخانىچى ئەكبەر ئەسەت ئەپەندى.
Reyhan Eset teminligen

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارالىق جەمئىيەت يەنە بىر قېتىم «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ دېلوسىغا دىققەت قىلماقتا. 2016-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «خەلقئارا زىيارەتچىلەرنى تەربىيەلەش رەھبەرلىك پىروگراممىسى» غا قاتناشقان ئەكبەر ئەسئەت ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا ئېلىنغان. ئەكبەر ئەسئەت 4-يانۋار كۈنى تۈرمىدە 40 ياشقا تولدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ «خالىغانچە تۇتقۇنغا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى» يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئەكبەر ئەسئەتنىڭ دېلوسى خەلقئارا قانۇن ياكى ئەھدىنامە، ھەتتا خىتاينىڭ ئىچكى قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا ئۇنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

يىللاردىن بېرى ئىنىسىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىۋاتقان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى رەيھان ئەسئەت X تور سۇپىسىدا: «بۈگۈن ئىنىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيمىز! نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە بىز بۇ يىل ئۇنىڭ ئازادلىققا چىقىشىغا ئۈمىد باغلايمىز» دەپ يازغان.

«باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان ياش كارخانىچى ئەكبەر ئەسەتنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ھەدىسى رەيھان ئەسەت ئىنىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. 2020-يىلى 8-ئىيۇن.
«باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى، تونۇلغان ياش كارخانىچى ئەكبەر ئەسەتنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ھەدىسى رەيھان ئەسەت ئىنىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. 2020-يىلى 8-ئىيۇن.

مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن زىيارەتتە رەيھان ئەسئەت خانىم ئىنىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنىس (Nicholas Burns) ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرىس ۋان خوللېن (Chris Van Hollen) نىڭ ئىنىمنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بىگۇناھ بىر ئىنساننىڭ سەككىز يىل توققۇز ئايدىن بېرى لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت. مېنىڭ ئۈمىدىم، كېلەر قېتىملىق ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئەكبەرنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى ۋە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ مەسىلىنى شى جىنپىڭ بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشىدۇر» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى روشەن ئابباس خانىم X تور سۇپىسىدا: «ئەكبەر ئەسئەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېگەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم ھەدىسى دوكتور گۈلشەن ئابباسنىڭمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بارلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

روشەن ئابباس خانىم يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەكبەر ئەسەت ۋە باشقا تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قانداق ھەرىكەت پىلانلىرى بارلىقى، شۇنداقلا كېلەر قېتىملىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

نۆۋەتتە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ۋە ئانا تىل تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ مۇخبىرىمىزغا ئەكبەر ئەسئەتنىڭ تۇتۇلغىنىغا توققۇز يىل بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ خىتاي قانۇنلىرى ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە زىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر تىلى-مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىدا خىزمەت قىلغان بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكۇلاس بۇرنىس 4-يانۋار كۈنى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەكبەر ئەسئەتنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئەكبەر ئەسئەت بۈگۈن ئۆزىنىڭ 40 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى شىنجاڭدىكى تۈرمىدە ئۆتكۈزمەكتە، ئۇ سەككىز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۈرمىدە ناھەق قامىلىپ ياتماقتا. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەكبەرنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ، ناھەق قامالغان كىشىلەرنى دەرھال ھەم شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمەن».

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى كرىس ۋان ھوللېن (Chris Van Hollen) مۇ X دا يوللىغان ئۇچۇرىدا ئەكبەر ئەسئەتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ: «ئەكبەر ئەسئەت پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ھەم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پىروگراممىسىغا قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن زەربىگە ئۇچرىدى» دەپ بىلدۈردى.

خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەكبەر ئەسئەتنىڭ دېلوسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ دېلو ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسى بىلەن كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇۋاتقانلىقى ئىسپاتلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.