چەتئەللىك ياشلارنىڭ «ئەكبەر ئەسەتكە ئەركىنلىك» ھەرىكىتى زور تەسىر قوزغىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.08.26
چەتئەللىك ياشلارنىڭ «ئەكبەر ئەسەتكە ئەركىنلىك» ھەرىكىتى زور تەسىر قوزغىماقتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي مۇنازىرە ۋە تارتقۇ تور بېكىتى بولغان «باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى ئاۋغۇست، نيۇ يورك.
RFA/Azigh

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي مۇنازىرە ۋە تارتقۇ تور بېكىتى بولغان «باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەت خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ئىدى.

ئامېرىكادا ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەكبەرنىڭ ئاچىسى رەيھان ئەسەت خانىم بىر قانچە يىلدىن بۇيان قېرىندىشىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارادا يۇقىرى سەۋىيىلىك تەشۋىقات ھەرىكىتى تەشكىللەپ كەلمەكتە.

يېقىندا رەيھان ئەسەت ئەنگىلىيىدە ياش پائالىيەتچىلەرنى تەشكىللەپ «ئەكبەرگە ئەركىنلىك» نامى ئاستىدا نيۇ-يورك ۋە لوندوندا نامايىش پائالىيىتى تەشكىللىگەن. ئەنگلىيەلىك ۋە ئامېرىكالىق ياشلار مۇھىم رول ئوينىغان مەزكۇر پائالىيەتتە، ياشلار ئەكبەر ئەسەت ۋە ئەكبەرگە ئوخشاش ناھەق تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان. مەزكۇر ياشلار يەنە ئەكبەر ئەسەتكە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان ۋىدىئو ۋە سۈرەتلىك تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئىجتىمائىي تارتقۇ ۋاستىلىرىدا كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھەرىكىتى قوزغىغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي مۇنازىرە ۋە تارتقۇ تور بېكىتى بولغان «باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى ئاۋغۇست، نيۇ يورك.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي مۇنازىرە ۋە تارتقۇ تور بېكىتى بولغان «باغداش تورى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى ئاۋغۇست، نيۇ يورك.

يىللاردىن بۇيان قېرىندىشى ئەكبەر ئەسەتنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان رەيھان ئەسئەت خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ قىرغىنچىلىق ۋە كەمسىتىش بولمىغان بىر دۇنيادا ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياش بالىلارنىڭ پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىنىسى ئەكبەر ئەسەتنىڭ ھېكايىسىدىن ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

«ئەكبەرگە ئەركىنلىك» ھەرىكىتىنىڭ ياش مەسئۇللىرىدىن Jonathan Gilbert زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن غەلىبىلىك ئاياقلاشقانلىقىنى، بۇندىن كىيىنكى پائالىيەتلەر ئۈچۈن يىڭى پىكىرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئائىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئەنگلىيىلىك ئۇيغۇر ياش دىلناز كېرىم مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغان. دىلناز كېرەم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىغا جىددىي قارىشىنى تەلەپ قىلغان

ئۆتكەن ھەپتە رەيھان ئەسەتنىڭ يېتەكلىشىدىكى ياشلار گۇرۇپىسى ئەنگلىيىدىكى Downing كوچىسىدا نامايىش قىلغان. ئەنگلىيىلىك ياشلار ئەنگلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب بىلەن كۆرۈشۈشنى ۋە يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىنى تېپىش ئۈچۈن ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. 18 ياشلىق ئۇيغۇر قىز دىلناز كىرىمنىڭ يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدىكى مۇراجىتى ئەنگلىيىنىڭ داڭلىق ئاخبارات قانىلى BBC دا تارقىتىلغان بولۇپ، ئىجتىمائىي تارتقۇ ۋاستىللىرىدا چوڭ تەسىر قوزغىغان.

دىلناز كەرىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق نۇرغۇن چەتئەللىك ياشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى سەۋەبلىك مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئائىلىلىرى پارچىلانغان ئۇيغۇرلار ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.