ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى ئەكبەر ئىمىننىڭ قېرىنداش ۋە شېرىكلىرىدىن 30 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

خوتەندىكى مەشھۇر ئۆي‏-مۈلۈك سودىگىرى ئەكبەر ئىمىن بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى، شېرىكلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بولۇپ 30 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى تەرىپىدىن مەلۇم قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئەكبەر ئىمىننىڭ ئاكىسى مەمەتتۇردى ئىمىن ۋە ئىنىسى مەمەتجان ئىمىننىڭ 20 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى، بۇلاردىن باشقا شېرىكلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بولۇپ جەمئىي 30 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى ئەكبەر ئىمىننىڭ خوتەندىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بايلاردىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خوتەندە نەچچە يۈزلىگەن كىشىنى ئىش بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، ئۇ تۇتقۇن قىلىنغاندا ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ساھەدە ھەمكارلاشقان قېرىنداشلىرى، شېرىكلىرى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بولۇپ، 30دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن تۇتۇلغانلىقى ۋە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

تور ئارخىپلىرىنى ئاختۇرغىنىمىزدا ئەكبەر ئىمىننىڭ «گۈزەل ماكان» ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدىن باشقا «خوتەن ئاقتاش پاختا توقۇمىچىلىق شىركىتى» نامىدىمۇ بىر شىركىتى بارلىقى، بۇ شىركەتنىڭ بىر مىليون بەش يۈزمىڭ يۈەن مەبلىغى بارلىقى، بۇ ئىككى شىركەتكە ئاكىسى مەمەتتۇردى ئىمىن، ئىنىسى مەمەتجان ئىمىن ۋە ئوغلى ئەنۋەرجان ئەكبەرلەرنىڭ شېرىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

توردىكى يەنە بىر ماتېرىيالدا ئەكبەر ئىمىننىڭ ئىنىسى مەمەتجان ئىمىننىڭ بىر قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شىركىتى بارلىقى، بۇ شىركەتكە قېرىنداشلىرىدىن باشقا روزىممەمەت قاسىم، پاتىگۈل قاسىم، ئابلىز ئابدۇراخمان، دولقۇن سىراجىدىن، مەمتىلى قادىر، ئابلەت ئابدۇشۈكۈر ۋە ئۆمەر نۇر قاتارلىق شېرىكلىرىمۇ بارلىقى خاتىرىلەنگەن.

توردا 2019-يىلى 7‏-ئايدا ئېلان قىلىنغان بىر ماتېرىيالدا «گۈزەل ماكان» ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە ئەكبەر ئىمىننىڭ ئوغلى ئەنۋەرجان ئەكبەرنىڭ نامىدا قانۇنىي تىزىمدا ئىكەنلىكى ۋە شىركەتنىڭ ئەنۋەرجان ئەكبەر تەرىپىدىن ماڭدۇرۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئەكبەر ئىمىننىڭ قېرىنداشلىرى ۋە شېرىكلىرىدىن ھېچبىرىنىڭ نورمال تىجارەت قىلىۋاتقانلىقى ياكى ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىنمىدى. ئەكسىچە ئالاقىدار سوت خادىملىرىدىن بىرى ئەكبەر ئىمىننىڭ سوتلانغان ئىككى قېرىندىشى بارلىقىنى تىلغا ئالسا، يەنە بىر خادىم ئەكبەر ئىمىننىڭ قېرىنداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بولۇپ 7 كىشىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئاقسۇدىكى بىر جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بىر ساقچى خادىمى مەمەتتۇردى ئىمىن بىلەن مەمەتجان ئىمىننىڭ 20 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېسىۋېتىلگەن شېرىكلىرى ئارىسىدا يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. يەنە بىر خادىم ئەكبەر ئىمىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغان بىر قىسىم ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يىل كېسىمى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

خوتەن شەھەر ئىلچى يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى ئۆز كەنتىدىن ئىككى كىشىنىڭ ئەكبەر ئىمىن دېلوسىغا چېتىلىپ 7 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ۋە 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان سوتتا مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق 30 نەچچە كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى ئەكبەر ئىمىننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا، ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى ئەلى ئابدۇللا بىلەن بىرلىكتە كىمئاشتى سودىسىدا رىقابەتكە چۈشۈپ بىر خىتاي سودىگەرنى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى، خوتەن شەھەر ئىچىدىكى مۇھىم بىر ئورۇندىن زېمىن سېتىۋالماقچى بولغان مەزكۇر خىتاي سودىگەرنىڭ ۋىلايەتتىكى ئەمەلدار خىتايلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئەلى ئابدۇللا بىلەن ئەكبەر ئىمىننى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا دېلونىڭ بۇ قىسمىغا ئالاقىدار ئۇچۇر ئايدىڭلاشمىدى. خوتەندە سىياسىي-قانۇن ساھەسىدە خىزمەت قىلغان بىر خادىم ئەكبەر ئىمىننىڭ تۇتۇلۇشىدا ئاز دېگەندە 5 خىل سەۋەب بارلىقىنى، بۇلاردىن بىرى ئۇ بىنا قىلغان «بەخت» ئولتۇراق رايونىنىڭ مودېلىدا مەسچىت، ياشانغانلار ساناتورىيەسى ۋە تەنتەربىيە زالى بارلىقى، بۇلار نىڭ ھەممىسى مىللىي پاسوندا لايىھەلەنگەنكلىكى ئۈچۈن ئەكبەر ئىمىننىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىشقا ئۇرۇنۇش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خوتەننىڭ ئىلچىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى ئەكبەر ئىمىننىڭ ئاكىسى مەمەتتۇردى ئىمىننىڭ بىر سىياسىي مەھبۇس ئائىلىسىگە ھەقسىز ئۆي تەقدىم قىلغانلىقى ئۈچۈن «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەنكلىكىنى ئاشكارىلىدى.

خوتەن ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن يەنە بىرى ئەكبەر ئىمىن ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئاساسلىق قاش تېشى سودىسى بىلەن قەد كۆتۈرگەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خوتەندىكى قاشتېشى سودىسىنى ئاتالمىش «‹ئۈچ خىل كۈچ› لەرنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى» دەپ قاراۋاتقانلىقى، شۇ ۋەجىدىنلا خوتەندىكى غوللۇق سودا-كارخانىچىلارغا2015 ‏-يىلدىن باشلاپلا زەربە بېرىشكە باشلىغانلىقى، ئەكبەر ئىمىن ۋە شېرىكلىرىنىڭ ئەنە ئاشۇ دۆلەت سۇيىقەستىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.