خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى خىتاينى ئەكبەر ئەسەتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2021.01.03
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى خىتاينى ئەكبەر ئەسەتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش گۇمانى» بىلەن 15 يىللىق كېسىلگەن ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسئەت.
Social Media

خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇق تەشەببۇسچىلىرى بىلەن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئەكبەر ئەسەتنى قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكلەرگە خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

باياناتتا مۇندا دېيىلدى: «بىز، خارۋارد قانۇن ئىنستىتۇتى كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇسچىلىرى ۋە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى مەكتەپدىشىمىز رەيھان ئەسەت خانىمغا جور بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنىسى ئەكبەر ئەسەتنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئۇيغۇر تېخنىكا كارخانىچىسى ۋە ساخاۋەتچى ئەكبەر ئەسەت 2016-يىلى فېۋرالدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن «خەلقئارالىق زىيارەتچى رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا قاتناشقان ۋە بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئاز ساندىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

ھالبۇكى، ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن غايىب بولغان. 2020-يىلى يانۋاردا، رەيھان ئەسەت ئىنىسىنىڭ «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

مۆلچەرلىنىشىچە، خىتايدا بىر مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان ۋە بۇلارنىڭ لاگېرلاردا جىسمانىي، جىنسىي ۋە پسىخولوگىيەلىك خورلاشلارغا دۇچار بولىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئوپېراتسىيەسى قىلغانلىقى، لاگېر تۇتقۇنلىرى ۋە سىرتتىكى ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىپ، يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى بۇلغىغانلىقى مەلۇم بولغان.

بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكلەردىن تولىمۇ بىئارام بولدۇق ۋە غەزەپلەندۇق، بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاپالىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىنى بىۋاسىتە ۋە ئەھمىيەتلىك تەكشۈرۈشكە چاقىرىمىز.»

ئۇلار باياناتىدا يەنە چوڭ شىركەت ۋە دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر رايونىغا سالغان مەبلەغلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە، رايونىدىن يىراقلىشىشقا دەۋەت قىلغان.

بىرلەشمە باياناتقا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە 70 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى ئىمزا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.