ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە سۆز قىلدى
2024.09.16
57-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى جەنۋەدە داۋام قىلماقتا. مەزكۇر كېڭەش 12-سېنتەبىر كۈنىدىكى يىغىنىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ چىققان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم يىغىندا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ھەم شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئىككى تەشكىلاتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» گە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان. ئۇ ئۆزىگە بېرىلگەن بىر مىنۇتلۇق سۆز قىلىش ۋاقتى بويىچە تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«بىز ئالدى بىلەن ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسىنىڭ خىتايدا دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇتلۇقىنى قەيت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىز ئالاھىدە دوكلاتچىغا يوللىغان دوكلاتىمىزدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى پاكىتلىرى بىلەن كۆرسەتتۇق.»
ئەلفىدار ئىلتەبىر سۆزىنى يەنە مۇنداق دەپ داۋام قىلغان:
«مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى كونترول قىلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە. شۇڭا بۇنى رىم نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن قۇل قىلىش قاتارلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈش مۇمكىنچىلىكى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ چۈشىنىش كېرەك.»
ئەلفىدار خانىم سۆزى داۋامىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ۋە تۆۋەندىكىلەرنى چاقىرىق قىلغان:
«بىز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى داۋاملىق ھالدا تەلەپ قىلىمىز. بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەۋسىيەلەرنى يولغا قويغان-قويمىغانلىقى ھەققىدە دوكلات بېرىشى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق بىر ئورگان قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.»
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 57-نۆۋەتلىك يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى بۇ يىل 4-ئايدا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا جەمئىيىتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» نامىدا ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋەزىيىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ ئەۋەتىلگەن. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» ھەم شۇنداقلا بۇنى ئىجرا قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە يولغا قويۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر تەپسىلىي مەلۇماتلار ئورۇن ئالغان. دوكلاتتا يەنە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ھەمدە خەلقئارالىق شىركەتلەرگە تەكلىپ-پىكىرلەر بېرىلگەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم بۇنداق يىغىنلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق تۈردە تەكىتلىنىپ تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قۇللۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە پاكىز كىيىم-كېچەك ھەرىكىتى قاتارلىق 40 تىن ئوشۇق ئەزا تەشكىلاتقا ئىگە. ئۇنىڭ يەنە 40 تىن ئوشۇق دۆلەتتىكى قۇللۇققا قارشى گۇرۇپپىلار، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى، تىجارەت ئۇيۇشمىلىرى، دىنىي تەشكىلاتلار، مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولۇپ 400 دىن ئوشۇق قوللىغۇچى تەشكىلاتى مەۋجۇت. بۇ بىرلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئاكتىپلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.