ئېلى تۇرسۇن: «سىڭلىم بىلەن نەۋرە ئىنىمنى چەتئەلگە چىقتىڭ دەپ 10 يىللىقتىن كېسىۋېتىپتۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.06.25
eli-tursun.jpg گېرمانىيەنىڭ كارىلسۇ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئېلى تۇرسۇن ئەپەندى سىڭلىسى ئامىنە تۇرسۇن ۋە نەۋرە ئىنىسى ئۆمەر ئوسماننىڭ سۈرەتلىرىنى تۇتۇپ ب د ت نىڭ ئالدىدا دەۋا قىلماقتا. 2020-يىلى ئىيۇن، جەنۋە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ تىجارەت مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار 1985-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيەگە كېلىپ-كېتىپ تىجارەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا تۈرك مېلى ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ سانىمۇ خېلىلا كۆپەيگەنىدى. 2017-يىلىدىن تارتىپ تۈركىيە بىلەن تىجارەت مۇناسىۋىتى بار ئۇيغۇرلارمۇ لاگېرغا قامالغان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى توغرىسىدا شۇم خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. بۇ تىجارەتچىلەردىن بىرى ئامىنە تۇرسۇن خانىمدۇر. ئۇ، تۈركىيەگە كېلىپ-كېتىپ تىجارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

گېرمانىيەنىڭ كارىلسۇ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئېلى تۇرسۇن مەزكۇر ئامىنە تۇرسۇننىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئېلى تۇرسۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىڭلىسى ئامىنە تۇرسۇننى «تۈركىيەگە بېرىپ تىجارەت قىلدىڭ» دەپ تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە 10 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، نەۋرە ئىنىسى ئۆمەر ئوسماننى «گوللاندىيەگە باردىڭ» دەپ 10 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتايدىن بىگۇناھ سىڭلىسى ئامىنە بىلەن نەۋرە ئىنىسى ئوسماننى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئىسمىم ئېلى تۇرسۇن، مەن 1975-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. مەن 2010-يىلى 1-ئايدا گېرمانىيەگە كەلدىم. ھازىرغىچە گېرمانىيەنىڭ كارىلسۇ شەھىرىدە ئائىلەم بىلەن بىللە ياشاۋاتىمەن. سىڭلىم ئامىنە تۇرسۇننىڭ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن 10 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر كەلدى. سىڭلىم بىگۇناھ، ئۇنى پەقەتلا تۈركىيەدىن مال ئاپىرىپ ساتقان بولغاچقا، نەۋرە ئىنىم ئۆمەر ئوسماننى گوللاندىيەگە كېلىپ كەتكەن بولغاچقا كېسىۋېتىپتۇ».

بىز ئېلى تۇرسۇن ئەپەندىگە قويغان: «ئۇنداقتا، سىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «سىڭلىم ئامىنە بىلەن نەۋرە ئىنىم ئۆمەر ئوسمان بىگۇناھ، ئالدى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن».

ئۇ بۈگۈنكى تېلېفون زىيارىتىمىزدە سىڭلىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «سىڭلىم ئامىنە تۇرسۇن ئۈرۈمچىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇ يىل 43 ياشتا. سىڭلىم ئامىنە ئائىلىمىزنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مالىيە كەسپىدە ئوقۇغان. سىڭلىم ئۇنىۋېرسىتېتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بولسىمۇ خىزمەت تەقسىماتى بولمىغاچقا ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە تىرىشقانىدى. تىجارەتتىمۇ يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر ئىدى. ئارام ئالماي كېچە-كۈندۈز تىرىشتى. ئۆزى ئاق كۆڭۈل تىرىشچان سىڭلىمنىڭ خىتايچە سەۋىيەسىمۇ بەكلا يۇقىرى ئىدى. گەرچە ئۇلار ئەر-ئايال ياشتا كىچىك بولسىمۇ، تىرىشىپ ئىشلەپ، تىجارەت ئەخلاقى بويىچە ئىش قىلىپ، قانۇنلۇق يوللار بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىگىلىك تىكلىگەنىدى. سىڭلىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، قانۇنىي يوللار بىلەن پاسپورت بېجىرىپ، خىتاينىڭ يېقىن دوست دۆلىتى بولغان تۈركىيەگە يۇمشاق خۇرۇمدىن تىكىلگەن ئاياغ زاكاز قىلىش ئۈچۈن 2 قېتىم بارغان. بۇ قېتىم ‹تۈركىيەگە باردىڭ› دەپ 10 يىللىق كېسىۋېتىپتۇ، ھازىر تەڭرىتاغ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋېتىپتۇ. سىڭلىم بىگۇناھ، مىليونلىغان خىتاي چەتئەل بىلەن تىجارەت قىلسا جازالىمايدۇ، نېمە ئۈچۈن سىڭلىمنى جازالايدۇ؟ بۇ ئادالەتسىزلىككە قەتئىي نارازىلىقىمنى بىلدۈرىمەن، خىتاي ھۆكۈمىتى سىڭلىمنى قويۇپ بەرسۇن».

ئېلى تۇرسۇن ئەپەندى سىڭلىسى ئامىنەنىڭ دۆلەتكە باج تۆلەپ ياشلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بىر تىجارەتچى ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىڭلىسىنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مەن 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ سىڭلىم ئامىنە بىلەن ئالاقە قۇرالمىغان ئىدىم. بىزگە كەلگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيدىن تۇتۇپ كەتكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي ‹تۈركىيە بىلەن تىجارەت قىلدىڭ› دەپ 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپتۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىجارەت قىلىپ، دۆلەتكە باج تۆلەپ، ئىشسىز قالغان ياشلارغا ئىش بەرگەن ئايالنى قانداقمۇ بۇنداق كېسىۋېتىدۇ؟ سىڭلىمنىڭ خىتاينىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە، قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغىنىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىڭلىم تۇغۇتتىن كېيىن ئېغىر كېسەل بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىدا داۋالانغان. دوختۇرلار ‹بۇندىن كېيىن ياخشى دەم ئېلىشىڭ لازىم› دەپ قولىغا ئىسپىراپكىمۇ يېزىپ بەرگەنىدى. سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس تۇرۇقلۇق ھازىر تۈرمىدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بىگۇناھ سىڭلىم ئامىنە بىلەن نەۋرە ئىنىم ئۆمەر ئوسماننى دەرھال قويۇپ بېرىشى تەلەپ قىلىمەن».

«سىز نەۋرە ئىنىم ئۆمەر ئوسماننى خىتاي ‹گوللاندىيەگە باردىڭ› دەپ 10 يىللىق كېسىۋەتتى دېدىڭىز. ئۆمەر ئوسمان ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟› دېگەن سوئالىمىزغا ئېلى تۇرسۇن ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۆمەر ئوسمان ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدا تۇغۇلغان. نەۋرە ئىنىم ئۆمەر ئوسمان گوللاندىيەگە كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن چوڭ ئاپىسى تۈگەپ كېتىپ قايتىپ كەتكەن. ئۆمەر ئوسمانغا ‹گوللاندىيەگە بېرىپ كەلدىڭ› دەپ 10 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. ئۇ، ھازىر سايباغ رايوندىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ئىكەن. ئۇ، كىچىكىدىن تارتىپ خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان. خىتايلار بىلەن ئۇرۇش-جېدەل قىلغان تەرىپىمۇ يوق. ئۇكام ئۆمەر ئوسمانمۇ ئامىنەگە ئوخشاش بىگۇناھ دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن».

ئېلى تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ 5 قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، دادىسى تۈگەپ كېتىپ 5 پەرزەنتنى ئانىسىنىڭ جاپالىق چوڭ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز 5 بالا، دادام بىز كىچىك ۋاقتىدا تۈگەپ كەتكەچكە 5 بالىنى ئانام بىچارە جاپاغا چىداپ، ياخشى، ساغلام ۋە ئەخلاقلىق قىلىپ بېقىپ ئوقۇتۇپ چوڭ قىلغان. بىز ھېچ قاندىقىمىز جەمئىيەتتە جىنايەت سادىر قىلغان ئەمەس. شۇڭا مەن يەنە بىر قېتىم ب د ت نىڭ ۋە دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سىڭلىم ئامىنە بىلەن نەۋرە ئىنىم ئۆمەر ئوسماننى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا چاقىرىمەن».

ئامىنە تۇرسۇننىڭ ھازىر ئىستانبۇلدا تۇرۇۋاتقان دوستى خەلچەم خانىم دوستى ئامىنەنىڭ ئۈرۈمچىدە ئاياق ساتىدىغان دۇكىنى بارلىقىنى، ئىككى قېتىم ئىستانبۇلغا مال ئالغىلى كەلگەنلىكىنى، ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامىنە خانىمنىڭ ھازىر گوللاندىيەدە تۇرۇۋاتقان قوشنىسى ئەخمەت ئەپەندى ئامىنەنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز ئالدىدا چوڭ بولغانلىقىنى، 10 يىللىق كېسىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيران قالغانلىقىنى، ئەگەر جىنايەت سادىر قىلغان بولسا خىتاينىڭ بۇنى ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىن مال ئاپىرىپ سېتىپ تىجارەت قىلغان نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ مال-مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنغان ۋە بەزىلىرى كېسىۋېتىلگەن. ھازىر تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.