«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا خىتاينىڭ رامىزاننى چەكلەۋاتقانلىقى مۇنازىرە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا خىتاينىڭ رامىزاننى چەكلەۋاتقانلىقى مۇنازىرە قىلىندى. 2019-يىلى 16-ماي.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا خىتاينىڭ رامىزاننى چەكلەۋاتقانلىقى مۇنازىرە قىلىندى. 2019-يىلى 16-ماي.
Social Media

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، رامىزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى 16-ماي كۈنىدىكى «ئېقىم» ناملىق پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە يەنە بىر قېتىم ئورۇن بەردى.

«ئېقىم» پروگراممىسى رىياسەتچىلىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن پروگراممىغا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون ۋە ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىملارنى تەكلىپ قىلغان. 

پروگرامما رىياسەتچىسى روشەن خانىمدىن بىر ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولۇپ تۇرۇپ خىتايدا ياشاش، بولۇپمۇ رامزان ئېيىدا خىتايدا ياشاشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سورىدى. 

روشەن خانىم بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، خىتايدا ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق ئېلېمېنتلىرىنىڭ قاتتىق چەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر روزى تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ۋە ھالال يېمەكلىك يېيىش، چوشقا گۆشى يېمەسلىكى، ھاراق ئىچمەسلىك دېگەندەك ئەڭ ئاساسىي تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى «رادىكاللىق» دېگەن نام ئاستىدا چەكلىگەنلىكىنى ۋە ھازىر بۇ سەۋەبلىك ئالاھازەل 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى ئېيتتى. 

روشەن خانىم يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر روزى تۇتۇش ئەمەس بەلكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭمۇ زور رىقابەتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. روشەن خانىم سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى ئاستىدا، 24 سائەت نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكادىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان جامائىتى يېقىندا «خىتايدىن پەرھىز تۇتايلى» ناملىق ئىنتېرنېت ھەرىكىتى قوزغىغان ئىدى. «ئەل جەزىرە» قانىلى يۇقىرىدىكى بۇ ھەرىكەتنىمۇ تونۇشتۇردى. ئۇلار «ئۇيغۇرلارنى قوغداش ۋە ياردەم» ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىنا زۇبەرى خانىمنى زىيارەت قىلىپ «خىتايدىن پەرھىز تۇتايلى» تور ھەرىكىتىنى سورىدى. 

خىنا خانىم سۆزىدە «بىزنىڭ بۇ ھەرىكەتنى باشلىشىمىزدىكى سەۋەب، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى رامزان ئېيىدا مۇسۇلمانلارنى روزى تۇتۇشتىن چەكلىدى. شۇڭا بىزمۇ خىتايدىن پەرھىز تۇتىمىز» دېدى. 

خىنا خانىم بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ، كىشىلەرنىڭ خىتايدىن كەلگەن ھەرقانداق نەرسىنى سېتىۋالماي ۋە خىتايدا ياسالغانلىقى ئۈچۈن سېتىۋالمىغان ماللارنى رەسىمگە تارتىپ، «خىتايدىن پەرھىز تۇتۇش» خەشتەگى بىلەن ئىجتىمائىي تور بەتلەرگە يوللاش ئارقىلىق بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئۇ يەنە، بۇ ھەرىكەتنىڭ رامىزاندىن كېيىنمۇ ھەتتا قاچان لاگېرلاردىكى مۇسۇلمانلار ئەركىنلىكىگە ئېرىشكۈچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي بېسىمىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە جىددىيلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە: «بۇ يەردىكى پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنى، ياكى بالىلىرىغا دىن ئۆگىتىشىنى چەكلەش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ يەردىكى مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتكۈل ئىسلام دىنىنى ئىدېئولوگىيىلىك ۋىرۇس، دەپ ئاتاۋاتىدۇ. ئۇنى قۇتۇلۇشىمىز زۆرۈر بولغان بىر خىل كېسەللىك، دەپ ئىزاھلاۋاتىدۇ» دېدى. 

سوفى خانىم سۆزى داۋامىدا يەنە بىر مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەكسىچە ئۆز ھۆكۈمەتلىرىگە ۋە ئورگانلىرىغىمۇ بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «مەنچە دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئەلۋەتتە مۇسۇلمان بولمىغانلار ئۆز دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشى بولۇپمۇ بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان ۋە ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەدھىيىلىگەن دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بېسىم قىلىشى كېرەك. چۈنكى، پۇقرالارنىڭ ئاممىۋى ھەرىكەتلىرى ھۆكۈمەتلەر ۋە ئورگانلارنىڭ پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش ياسىيالايدۇ» دېدى. 

دەرۋەقە رەسمىي تور بېتىدە ئۆزىنى «مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كوللېكتىپ ئاۋازى» دەپ تونۇشتۇرىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ يىل 3-ئايدا ئەبۇ-زەبىدە ئېچىلغان «ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 46-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى» دىن كېيىن ئېلان قىلغان قارارنامىسىدە؛ «بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيمىز. شۇنداقلا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەن سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان ئىدى. 

ئەينى چاغدا سوفى رىچاردسون خانىم رادىيومىزغا بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا دەھشەتلىك تۈردە خائىنلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن. 

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا يۇقىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرىنىڭ ئەكسىچە، رايوندا بۇنداق بىر چەكلىمىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسى خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى جاۋ لىجيەندىن سورىغان. جاۋ لىجىيەن سۆزىدە خىتايدىكى رامزان چەكلىمىلىرى ھەققىدىكى خەۋەرنى «غەربنىڭ تەشۋىقاتى» دېگەن، بىراق ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت كادىرلىرىنى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن چەكلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. 

ھالبۇكى، روشەن ئابباس خانىم «ئەل جەزىرە» قانىلىدىكى پروگراممىدىكى سۆزىدە، نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئوشۇق خىتاي كادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە يەرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇلارنى 24 سائەتلەپ نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى، مەكتەپ بالىلىرىنىڭمۇ ھەتتا ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى دوكلات قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ روزى تۇتۇشىنىڭ ئاساسەن مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى، تۇتقان تەقدىردە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭمۇ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. 

سوفى خانىم ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان بىر ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە بۇ ئۇيغۇرنىڭ قىلغان بىر گېپىنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتتى. سوفى خانىم سۆزىدە؛ «بىز سۆزلەشكەن بۇ كىشى لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن دىنىي چەكلىمىلىرىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ بىزگە شۇنداق تەسىر قىلىدىغان گەپتىن بىرنى قىلدى يەنى ئۇ گەرچە مەن ئۇ يەردە دىنىمنىڭ شەرتلىرىنى ئادا قىلالمىغان بولساممۇ بىراق قەلبىمدە ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا سادىق بولدۇم، دېدى. مەنچە ئاشۇنداق ئېغىر زۇلۇم ئاستىدىمۇ ئۆز ئېتىقادىدىن ۋاز كەچمەي، ئۇنىڭغا چىن يۈرەكتىن سادىق قېلىۋاتقان شۇ كىشىلەر ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ» دېدى.

پروگراممىدا روشەن خانىم ۋە سوفى رىچاردسون خانىملار ھەر ئىككىسى لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان قورقۇنچلۇق رېئاللىقنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، دۇنيانى لاگېرلار مەسىلىسىدە كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت