ئەمرۇللاھ ئەكرەم: «ئاتا-ئانامنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىنى بىلمەيمەن»

مۇخبىرىمىز سادا
2019.04.18
Emrullah-ekrem-arzigul-tash.jpg ئۇيغۇر ياش ئەمرۇللاھ ئەكرەم ئاتا-ئانىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىماقتا. 2019-يىلى ئاپرېل.
Emrullah Ekrem teminligen

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىنى بەرپا قىلغاندىن بۇيان رايوندىكى 800 مىڭدىن ئىككى مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر بۇ خىلدىكى لاگېرنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانماقتا.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى بۇ ۋەزىيەتنى ئىزچىل تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇپ، ئۇنى ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش»، «رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى بۇ جايلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندىن تولىمۇ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئايان قىلماقتا.

2012-يىلى ئۆز ھەدىسى دىلخۇمار ئەكرەم بىلەن ئامېرىكاغا ئوقۇشقا كەلگەن، نۆۋەتتە ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى «شىمالىي ۋىرجىنىيە ئاممىۋى ئىنستىتۇتى» (NOVA) دا ماشىنىسازلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئەمرۇللاھ ئەكرەممۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ ئەمرۇللاھ ئەكرەم ۋە دىلخۇمار ئەكرەم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.