ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» تونۇشتۇرۇلغان، شۇ كۈنى لوندوندا نامايىش ئېلىپ بېرىلغان
2025.02.06
5-فېۋرال كۈنى ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» ناملىق تەشكىلاتنىڭ خادىملىرى ئەنگلىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىلىق مەلۇمات بەرگەن. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرى بولغان «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن.
ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، سەنئەتكار رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە يېڭىدىن سايلانغان بەزى پارلامېنت ئەزالىرى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» دېگەن پىلاكاتلارنى تۇتۇپ، رەھىمە خانىم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن، سۈرەتكە چۈشكەن. ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەر بېرىشكەن.
ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى بۇ پائالىيەتتىن كېيىن، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن يەنە خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بارغان. «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» تەشكىلاتىدىن ماھىرە بۇ نامايىش ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى «ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە تۇرۇش ھەرىكىتى»، «ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى» ۋە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات» تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان يەرلىك ئەنگلىيەلىكلەر ۋە بىر قىسىم دېموكراتىك تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىمۇ قاتناشقان. رەھىمە مەھمۇت خانىم شۇ كۈنىدىكى نامايىش ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
رەھىمە ماھمۇت خانىم 5-فېۋرال كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «بۈگۈن غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا 28 يىل بولغان كۈن، ئۇيغۇر تارىخىدا ئەسلا ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايدىغان، ئېچىنىشلىق بىر خاتىرە كۈن. 1997-يىلى 2-ئايدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى غۇلجا كوچىلىرىدا خىتاي ساقچىلىرى ۋە ھەربىي قىسىملار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلتۈرۈلدى ۋە قولغا ئېلىندى. بۇ پاجىئە ئادەتتىكى بىر ۋەقە ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان سىستېمىلىق زىيانكەشلىك ھەرىكىتى. بىز بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك! ئەركىنلىك ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى سۆيىدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ بىز بىلەن بىللە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»