«ۋال سترېت ژۇرنىلى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ خىتاي سۆيگۈسىنىڭ تۈگىگەنلىكى ئىلگىرى سۈردى.
ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بۇ يىل يانۋاردا ئەنگلىيەنىڭ 5 گ تور قۇرۇلۇشنى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە ھۆددىگە بېرىپ، ئەنگلىيەدىكى بىر قىسىم شەخسلەر ۋە ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنى خاپا قىلغانلىقىنى، ئەمما ئەنگلىيە خىتاي ئارىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ ئىككى ئايدىن كېيىنلا تۈگىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «بېيجىڭ دائىرىلىرى ۋۇخەندىكى كورونا ۋىرۇسى پارتلىمىسى مەسىلىسىدە ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ خىتايغان بولغان غەزىپى بارغانچە ئۇلغايماقتا.»
ماقالىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ بۇ ۋىرۇس پارتلىمىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا بولغان نارازىلىقلار، ئەنگلىيەنىڭ يورۇقى دەرىجىلىك سىياسىيونلىرى ئارىسىدا كۆرۈلۇشكە باشلىغان.
ئەنگلىيە ئىچكى كابىنېتى ۋەزىرى مايكېل گروۋ ئەنگلىيەنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قايتۇرغان ئىنكاسنىڭ كېچىكىپ قېلىشىغا خىتاي سەۋەبچى ئىكەنلىكى، خىتايدىن ۋىرۇس ۋەزىيىتى ھەققىدە كەلگەن خەۋەرلەرنىڭ مۈجمەلىكىنى ئېيتقان.
ئەنگلىيە تاشىقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنك راب دۈشەنبە كۈنى كورونا ۋىرۇسىدىن ساۋاق ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ خىتاينىڭ مەزكۇر ۋىرۇسقا قايتۇرغان ئىنكاسىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئەزاسى دۇنكان سىمىت بېيجىڭنىڭ كورونا ۋىرۇسىنى مەخپىي تۇتۇپ دۇنياغا تەھدىت ياراتقانلىقى ئەنگلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتا ئويلىشىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە يەنە شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئەۋجىگە چىققان باستۇرۇش دۇنيا مىقياسىدا خىتاينىڭ ئىناۋىتىنى تۆككەنلىكى كۆرسىتىلگەن.