ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لەممى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان
2024.10.18
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لەممىنىڭ خىتايغا قىلغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى 18-ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 17-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، داۋىد لەممى زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدىكەن، ئاندىن شاڭخەيگە بېرىپ، ئۇ يەردە تىجارەت قىلىۋاتقان ئەنگىلىيە سودا ساھەسىدىكى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
زىيارەتتىن ئىلگىرى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى داۋىد لەممىىنىڭ خىتاينى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ئۇرۇشىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىنى ئازايتىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار باياناتىدا، ئەنگىلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا «دېموكراتىك قىممەت قارىشى، ئەركىنلىك، خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى قوللاش» قاتارلىق مەسىلىلەردە پەرق-ئىختىلاپ بارلىقىنى، لېكىن «يەرشارى يېشىل ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۆتكۈنچى دەۋرى ۋە ئىقتىسادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق مەنپەئەت» لەردە خىتاي بىلەن چوڭقۇر باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن.
«جىرسىي كەچلىك خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 18-ئۆكتەبىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، داۋىد لەممى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە بېيجىڭنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزىنى قوللىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، داۋىد لەممىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى داۋىد لەممى بىلەن ۋاڭ يىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ئۇچرىشىشنى «ئىجابىي» دەپ تەسۋىرلەپ، لەممى ئەپەندىنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنى ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەيدىغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بىر قاتار تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى» نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇلار باياناتىدا يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان قەبىھ مۇئامىلە ۋە ئەنگىلىيە پۇقراسى جىممىي لەينىڭ خوڭكوڭدا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقنى بىلدۈرگەن.
ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ئىشخانىسى مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لەممىنىڭ سايلامدىن بۇرۇن بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ تەبىئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ يىل 7-ئايدا ئەنگلىيەدىكى ئومۇمىي سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لەممى سايلام مەزگىلىدە، ئەگەر ئۆزلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان مۇئامىلىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن قانۇنىي يول تېپىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى داۋىد لەممىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاش ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.
دوۋنىڭ كوچىسى باياناتچىسى(Downing Street spokeswoman) 17-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ خىل قارارلارنىڭ «باش ھوقۇقلۇق سوت» (competent courts) تەرىپىدىن قارار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىز كىشىلىك ھوقۇقتا قەتئىي چىڭ تۇرىمىز، بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقى ۋە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق».
داۋىد لەممى يەنە بېيجىڭ خەلق سارىيىدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىڭ شۆشياڭ بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، دىڭ شۆشياڭ خىتاينىڭ «ئەنگىلىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، تېخىمۇ مۇقىم ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش» مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا «ئەمەلىي ھەمكارلىق» نىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
داۋىد لەممىنىڭ زىيارىتى 2023-يىلى 8-ئايدا جامېس كلېۋېرلىينىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى خىتايغا ئېلىپ بارغان ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
«جىرسىي كەچلىك خەۋەرلىرى» دە ئېيتىلىشىچە، بۇ زىيارەت ئەنگىلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنى سەل پەسكويغا چۈشۈرگەن. جامېس كلېۋېرلى 2018-يىلدىن كېيىن خىتاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇمۇ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.