ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتاي زىيارىتى ئالدىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرىلدى
2024.10.17
ئەنگلىيەدە بۇ يىل 7-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لەممىي 18-ئۆكتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. داۋىد لەممىينىڭ زىيارىتى ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى خىتاينىڭ ناچار سودا ئادەتلىرى، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە پاش بولغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغان بىر قىسىم ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەزالىرىغا جازا تەدبىرى قويۇشى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» ۋە «مۇستەقىللىق» گېزىتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتىدە خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ پىلانى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.
ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە ئىشخانىسى مۇدىرى رەھىمە مەخمۇت خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «داۋىد لەممىي خىتايدىكى زىيارىتىدە چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك»، دېدى.
رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە يەنە، ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان «مۇستەقىللىق» گېزىتىدە مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ئوبزورىدا ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پەرقلىق پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلغان.
«داۋىد لەممىي بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالامدۇ» دەپ ماۋزو قويۇلغان بۇ ئوبزوردا: «ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، داۋىد لەممىينىڭ بولسا 2023-يىلى 3-ئايدا قىلغان بىر سۆزىدە، ‹ئەگەر ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ھۆكۈمەت بېشىغا كەلگەن تەقدىردە شېرىكلىرىمىز بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەرىكەت قىلىپ، خەلقئارا سوت ئارقىلىق خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز›» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سالغان.
ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى بۇ يىل 7-ئايدا ئەنگلىيەدىكى ئومۇمىي سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ 14 يىللىق ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بەرگەنىدى. سايلامدىن ئىلگىرى ئۆكتىچى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان داۋىد لەممى، ئەگەر ئۆزلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تەقدىردە ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان مۇئامىلىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن قانۇنىي يول تېپىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھالبۇكى، ھازىر ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى بۇ پارتىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىنى زور كۆلەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئارقا پىلانغا ئىتتەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى خەۋەرلەردىن ئورۇن ئالغان. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە: «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت دىپلوماتىك كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكىنى رەسمىي يوسۇندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاش پىلانىنى كەينىگە سۈرگەن» دەپ يازغان.
ئەنگلىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە «خىتايغا قارشى خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لۇك دې پۇلفېرد (Luke de Pulford) بولسا بۇنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا قىلغان ۋەدىسىدە تۇرمىدى» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئۆكتىچى پارتىيە ۋاقتىدا، يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئاتىغان مەزكۇر پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن پىلانىنى ئۆزگەرتىشى ئەنگلىيەنىڭ ئىنسانلارنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، داۋىد لەممىينىڭ خىتاي زىيارىتى ئالدىدا يەنە، بىرقىسىم ئەنگلىيە پارلامېنتى ئەزالىرىمۇ ئىمزالىق خەت ئېلان قىلىپ، تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنى خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىدە ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلەرنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشقا ھەمدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر بىلەن بىرگە بارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان. بۇ خەتكە ئىمزا قويغۇچىلار سابىق ھۆكۈمەت ئەزالىرىدىن ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئيان دۇنكان سىمىس (Iain Duncan Smith)، سابىق خەۋپسىزلىك مىنىستىرى توم تۇگېندات (Tom Tugendhat) ۋە سابىق سەھىيە مىنىستىرى نېل ئوبرىيان (Neil O’Brien) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لەممىي 18-19-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئۇنىڭ شاڭخەيدە ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مەلۇم.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىن تارقىتىلغان رەسمىي باياناتتا: «ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇقتا چىڭ تۇرىدۇ، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈشنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان زىيانكەشلىكى ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىمىز ئەندىشىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولىدىغان ئەڭ يۇقىرى قاتلاملىق ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە خەلقئارادىكى شېرىكلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېيىلگەن.