ئەقىدە پولات: «ئاپا قورقماڭ! بىز سىزنى چوقۇم قۇتقۇزىمىز!»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2022.12.15
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
پروفېسسور راھىلە داۋۇتنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكى ۋە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسىدە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى پروفېسسور راھىلە داۋۇت مازار تەتقىقاتى قىلىۋاتقان مەزگىللىرىدە يەرلىك ئاھالىلەردىن ئۇچۇر توپلاۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى.
Lisa Ross

«بۈگۈن ئاپام راھىلە داۋۇتنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنىڭ 5 يىللىقى. ئاپام ھاياتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن غايەت زور قۇربانلىق بەردى. ئەگەر بۇ بەش يىلدا ئۇ تۇتقۇندا بولمىغان بولسا دۇنيا ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقان بولاتتى».

2017-يىلى 12-ئايدىن بىرى تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پروفىسورى، خەلقئارادا تونۇلغان فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات 13-دېكابىر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر بېتىدە يازغان يۇقىرىدىكى جۈملىلىرى ئارقىلىق ئاپىسى راھىلە داۋۇتنىڭ 5 يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى تەكرار خەلقئارانىڭ دىققىتىگە سالدى.

راھىلە داۋۇتنىڭ 2017-يىلى 12-ئايدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان ئايروپىلانغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى راھىلە داۋۇت ھەققىدىكى ئاخىرقى ئۇچۇر بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. راھىلە داۋۇتنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى ئەقىدە پولاتمۇ ئاپىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى، نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن.

راھىلە داۋۇت غايىب بولغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلىرى ۋە كەسىپداشلىرى ئۇنىڭغا بىر ۋىدېيولۇق سالام يوللاپ، ئۇنى كۈچلۈك بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
راھىلە داۋۇت غايىب بولغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلىرى ۋە كەسىپداشلىرى ئۇنىڭغا بىر ۋىدېيولۇق سالام يوللاپ، ئۇنى كۈچلۈك بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
freemymom.org

رادىيومىز 2017-يىلىدىن باشلاپ راھىلە داۋۇت ھەققىدىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا راھىلە داۋۇتنىڭ كېسىلىپ بولغانلىقى ۋە نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇ توغرىلىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. ئەقىدەنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھازىرغىچە ئاپىسىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان.

ئەقىدە رادىيومىغا قىلغان سۆزىدە ئاپىسى راھىلە داۋۇتنىڭ بىگۇناھ تۈرمىگە سولانغان باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشتا ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ خىزمەت قىلغان بىر تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئاپام مۇشۇ ئۆتكەن بەش يىلدا ئۆز خىزمىتىنى قىلالىغان بولسا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا مەدەنىيىتى ئۈچۈنمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشقان بولاتتى».

راھىلە داۋۇت خەتەر ئاستىدىكى ئالىملارنى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2020-يىللىق «تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. راھىلە داۋۇت 2017-يىل 12-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان كۆپلىگەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى ئۇنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە راھىلە داۋۇتقا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىنغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى بۇ يىل 11-ئاۋغۇست كۈنى ئۆزىنىڭ رەسمىي تىۋىتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن راھىلە داۋۇتنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى ئېرىك شلۇسسېل ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2016-2017-يىللىرى بىر قانچە قېتىم راھىلە داۋۇت بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشكەن ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ھەققىدە پىكىرلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىكەن. ئۇ راھىلە داۋۇتنىڭ بەش يىلدىن بۇيان تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىغا تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇتقۇندىكى دوكتور راھىلە داۋۇتقا بېرىلگەن 2020-يىللىق خەلقئارا «تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتى.
تۇتقۇندىكى دوكتور راھىلە داۋۇتقا بېرىلگەن 2020-يىللىق خەلقئارا «تەپەككۇر جاسارىتى» مۇكاپاتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «پروفېسسور راھىلە داۋۇت ئېتنوگرافىيە، فولكلور، تارىخ، جەمىيەشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان داڭلىق زىيالىيلارنىڭ بىرى ئىدى ۋە ھازىرمۇ شۇنداق. پروفېسسور راھىلە داۋۇت پەقەت ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن دۇنياغا داڭلىق بولمىدى، ئۇ ئىجادچانلىقى ۋە ئادىمىيلىكى بىلەنمۇ كۆڭلىمىزدە يۇقىرى ئورۇن ئالغان. ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى كەسىپ ئەھلىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان. ئۇنىڭغا ۋە قىلغان خىزمەتلىرىگە شۇنداق ھۆرمىتىم بار. مۇشۇنداق بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىلىم ساھەسىدىن يوقىىتۋېتىلىشى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ھەر ساھەدە قىلغان خىزمەتلىرىنى ئويلىغاندا، راھىلە داۋۇتنىڭ يوقلۇقى ئەلۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى گەۋدىلەندۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەڭگۈ چۈشىنىپ بولالمايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى يورۇتقان. مەن ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىنى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ۋە قىممەتلىك تۆھپە دەپ قارايمەن».

راھىلە داۋۇت ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىدا ئىلگىرى كۆپ قېتىم خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇكاپاتلىرى ۋە تەتقىقات فوندلىرىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت كۆپلىگەن كىتاب-ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مازارلىق مەدەنىيىتىگە ئائىت ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى «ئۇيغۇر مازارلىرى» ناملىق كىتابى بۇ ساھەدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان. مەزكۇر كىتاب ئامېرىكادىكى فوتوگراف، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى لىزا روز خانىم تارتقان ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدىكى فوتو رەسىملەر كىرگۈزۈلۈپ، ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنغان. راھىلە داۋۇت تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى، كۆپ قېتىم ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كېلىپ، ئۇيغۇر فولكلورىدىن دەرس بەرگەن.

ئېرىك شلۇسسېل ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ راھىلە داۋۇتنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى تارىخى ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋە تېررىتورىيەسىنى قۇرۇشقا ناھايىتى كۈچەۋاتىدۇ. تارىخنى ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن قورال قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىلىمنى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئىشلىتىش كىشىنى چۆچۈتىدۇ. يالقۇن روزىغا ئوخشاش كىتاب تۈزگەن زىيالىيلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بۇنىڭ يەنە بىر مىسالى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ ۋە ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىنى بىلىپ چوڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ راھىلە داۋۇتنى قولغا ئىلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. چۈنكى راھىلە داۋۇتنىڭ تەتقىقاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەر خىل شەكىلدە يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىزىپ بەرگەن رامكىسىغا چۈشمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي بولمىسىمۇ ھەر قانداق بىر پەرقلىق ئوي-پىكىردىن قورققان. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق بىر شەكىلدە ئۆزىنىڭ تارىخى ھەققىدە ئويلىنىشىنى ئۆگىنىشىدىنمۇ قورققان. چۈنكى تارىخىنى بىلىش كىشىلەرنى بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە پىكىر قىلىشقا ئۈندەيدۇ».

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئېرىك شلۇسسېل ئەپەندى رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق تۇتقۇندىكى راھىلە داۋۇت خانىمغا يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى: «سىزنىڭ قىزىڭىز بىخەتەر، ئۇ ناھايىتى تىرىشىۋاتىدۇ. بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دېيەلەيمەنكى، بىز سىزنى ھېچ ئۇنتۇپ قالمىدۇق، ھەم ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز. بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە سىزنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلىشقا، پىكىرلىرىڭىزگە ئىگە چېقىشقا ۋە قىلىۋاتقان خىزمىتىمىزنىڭ مەركىزىگە قويۇشقا تىرىشىمىز. شۇڭا گەرچە راھىلە داۋۇت تۇتقۇندا بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىدىيەسى ئەركىنلىكتە. بىز سىزنىڭ بىر كۈنى تۈرمىدىن چىقىشىڭىزنى، خالىغىنىڭىزچە ئەركىن ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىمىز».

ئەقىدە پولات 5 يىلدىن بۇيان ئاپىسىنى خىتاينىڭ تۈرمىسىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئاپىسىنى ۋە ئاپىسىغا ئوخشاش تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىردا ئاپىسىغا يۈرەك سۆزىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «ئاپا قورقماڭ! بىز سىزنى چوقۇم قۇتقۇزىمىز!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.