ئەرەب ئاخباراتلىرىدا ئىدرىس ھەسەن ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى دىققەت نۇقتىغا ئايلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2022.01.03
ئەرەب ئاخباراتلىرىدا ئىدرىس ھەسەن ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى دىققەت نۇقتىغا ئايلاندى ئەل جەزىرە(Al Jazeera)خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىدرىس ھەسەن توغرىلىق بەرگەن تېلېۋىزىيە خەۋىرىدىن سۈرەتكە ئېلىندى. 2021-يىلى دېكابىر.
RFA/Arslan

ئۇيغۇر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ئىدرىس ھەسەن ئۆتكەن يىلى 19-ئىيۇل كۈنى ماراكەشكە بارغاندا خىتاينىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى بىلەن ئىنتېرپول خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قىزىل ئۇقتۇرۇشقا بىنائەن ماراكەش ھۆكۈمىتى ئۇنى تۇتقۇن قىلغانىدى. خىتاي دائىرىلىرى، ماراكەش بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەدلىيە كېلىشىمى سەۋەبىدىن ئىدرىس ھەسەننى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ۋەقە يېقىندىن بۇيان ئەرەب دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئىدرىس ھەسەن كىم؟ ئۇيغۇرلار كىم؟ قەيەردە ياشايدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆپلىگەن ئەرەب تاراتقۇلىرىدىمۇ ئىدرىس ھەسەن ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلەپ ئۇچۇرلار تارقىتىلدى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا مەخسۇس پروگراممىلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى. «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى، «قانال 9»، «رىھلە تېلېۋزىيەسى»، ماراكەشنىڭ «ئەسساھرائى مەغرىبى» نامدىكى قانىلى، شۇنىڭدەك يەنە «ئەلمۇجتەمى» قانىلى، «شۇفى ئەلخەبەر»، «ئەرەب نىۋېس» قاتارلىق كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئىدرىس ھەسەن ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر ۋە پروگراممىلار تارقاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش خەلقئارا مەجلىسىنىڭ كاتىپى سامى سائىدى ئەپەندى(سۆزلەۋاتقان كىشى) ئۇيغۇرلار بىلەن ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئىدرىس ھەسەنگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 31-دېكابىر، تۈركىيە.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداش خەلقئارا مەجلىسىنىڭ كاتىپى سامى سائىدى ئەپەندى(سۆزلەۋاتقان كىشى) ئۇيغۇرلار بىلەن ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئىدرىس ھەسەنگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 31-دېكابىر، تۈركىيە.

ئەرەب ئاكتىپلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، تىۋېتتىر ۋە فېيسبوك قاتارلىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا: «ئىدرىس ھەسەن قايتۇرۇلمىسۇن!» دېگەن تېمىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى.

ئىسلام دۇنياسىدىكى بىرقىسىم مەشھۇر ئۆلىمالار، ئىسلامىي تەشكىلاتلار ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ماراكەش ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، ماراكەش دائىرىلىرىدىن ئىدرىس ھەسەننى قايتۇرۇۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغانىدى، شۇنداقلا بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئۆلىمالار ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ھەققىدە كەسكىن پەتىۋا بەرگەن.

ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئىدرىس ھەسەننىڭ ئائىلىسى ۋە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارمۇ ھەركۈنى دېگۈدەك ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئالدىغا چىقىپ نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ماراكەش دائىرىلىرىدىن ئىدرىس ھەسەننى ئەركىن قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايال باللىرى(سودا) ئۇيغۇرلار بىلەن ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ باردى نامايىشى. 2021-يىلى دېكابىر.
ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايال باللىرى(سودا) ئۇيغۇرلار بىلەن ماراكەشنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ باردى نامايىشى. 2021-يىلى دېكابىر.

بىز ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇرخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇزەينۇر خانىم ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىستانبۇلدىكى ماراكەش كونسۇلخانىسى ئالدىغا چىقىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بىراق كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ يولدىشى ھەققىدە ھېچ قانداق جاۋاب بەرمەي كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، كونسۇلخانا خادىمىنىڭ ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى ماراكەىش ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزگەنلىكىنى، بىراق كونسولخانىغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن ھېچ قاندق بىر جاۋاب كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن ب د ت كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار توغرىسىدا ئالاھىدە دوكلات بەرگۈچى مارىي لاۋلور خانىم، تىۋىتتېر ھېسابى ئارقىلىق ئىدرىس ھەسەن توغرىسىدا ماراكەش ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق يازغان: «مەن ماراكەش دائىرىلىرىنىڭ ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمىگەنلىكىدىن تولىمۇ مىننەتدار، مەن ئۇنى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش ۋە باشقا رەھىمسىزلىك قاتارلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچ كېلىدىغان جايغا قايتۇرۇلماسلىقنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلىمەن».

ب د ت كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار توغرىسىدا ئالاھىدە دوكلات بەرگۈچى مارىي لاۋلور خانىمنىڭ بۇ بايانلىرى بۈگۈن ئەرەب تاراتقۇلىرىدا ۋە تېلېۋېزىيە قاناللىرىدا كۆپلەپ تارقىتىلدى.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.