نيۇ-يوركتىكى «ئەركىن قازاق تەشكىلاتى» پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرماقتا

0:00 / 0:00

a9-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا بىر تۈركۈم قازاق ياشلىرى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

ئىگىلىنىشىچە، قازاق ياشلىرى بۇ قېتىملىق نامايىشتا قازاقىستاننىڭ دۆلەت ئىچىگە نىسبەتەن مۇستەبىت سىياسەت يۈرگۈزۈپ، خەلقنىڭ سۆز ۋە سايلام ئەركىنلىكىنى باستۇرغانلىقىنى، تاشقى جەھەتتە تەسلىمچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، قازاقىستاننىڭ زېمىن ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى خىتايغا ساتقانلىقىنى پاش قىلغان.

قازاق نامايىشچىلار يەنە قازاقىستاننىڭ مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولۇپ، لاگېرلارغا قامالغان قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە كۆز يۇمغانلىقى، ھەتتا «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سېرىكجان بىلەشئوغلىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى مىرزاقاماققا ئالغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

نامايىشقا يېتەكچىلىك قىلغان قازاق ياشلىرىدىن غېنى ئىستامبېكوف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 2017-يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشلىرىنى بىرقانچە قېتىم ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، 9-ئىيۇن كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ 2019-يىلى 3-ئايدا «ئەركىن قازاق تەشكىلاتى» قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى مەيدان نارازىلىق نامايىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە 9-ئىيۇن كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىدا ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا يۈز بەرگەن 5000 دىن ئارتۇق قازاق پۇقراسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى دۆلەت ئىچىگە قارىتا ھاكىممۇتلەق سىياسەت يۈرگۈزۈش، تاشقى جەھەتتە خىتايغا يول قويۇش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلار قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغان قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىغا كۆز يۇمغانلىقى ھەم سۈكۈت قىلغانلىقى، ھەتتا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىپ، يەر-زېمىن ۋە نېفىت بايلىقلىرىنى خىتايغا ساتقانلىقىدەك قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

«ئەركىن قازاق تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى غېنى ئىستامبېكوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يەنە قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى سېرىكجان بىلەشئوغلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىش ۋەقەسىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا غېنى ئىستامبېكوف ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى نۆۋەتتىكى مۇستەبىت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە، قازاقىستاندا ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ھەقىقىي دېموكراتىك سىياسەت بەرپا قىلىشقا، قازاقىستان تۇپرىقىدىكى پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئۇ يەنە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سېرىكجان بىلەشئوغلى قاتارلىق قازاق ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قازاقىستاندا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر مەسىلىسىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە جىددىي تۈردە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.