مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2019.08.09
arafat_erkinning_dadisi_erkin_tursun.jpg ۋىرجىنىيە شتاتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئارافات ئەركىننىڭ تۈرمىگە قامالغان دادىسى، ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەھرىرى، رېژىسسور ئەركىن تۇرسۇن ئەپەندى.
Photo: RFA

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىشى ھەرقايسى مەتبۇئاتلار ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەن، تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىش دولقۇنىمۇ ئەۋجىگە چىققان ئىدى.

بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا بىۋاسىتە خەت يېزىش ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بولسا، بەزىلىرى دۇنياغا داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئائىلە-ئەزالىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ، خىتايغا مەلۇم جەھەتتىن بېسىم پەيدا قىلدى. نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى شىمالىي ۋىرجىنىيە ئاممىۋى ئىنستىتۇتى (NOVA) دا ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئارافات ئەركىنمۇ ۋەتەندە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش يولىدا ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرىدۇر. 

ئارافات ئەركىن 9-ئىيۇل كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2015-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكاغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن. 2016-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى بارا-بارا ئۈزۈلۈشكە باشلىغان. 2018-يىلى 8-ئايلار ئەتراپىدا ئاپىسىنىڭ 2017-يىلى يىل ئاخىرىدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىنى، دادىسىنىڭ 2018-يىلى 3-ئاينىڭ باشلىرىدا تۇتۇلۇپ بىۋاسىتە تۈرمىگە يوللانغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. 

ئارافات ئەركىننىڭ دادىسى ئەركىن تۇرسۇن ھەققىدە ئىلگىرى رادىئومىزدا تەپسىلىي خەۋەر ئىشلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭدا رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئەركىن تۇرسۇننىڭ خىزمەت ئورنى بولغان ئىلى ئوبلاستلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شۇ يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئاز دېگەندە يەتتە يىل كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. 

زىيارەت داۋامىدا ئارافات ئەركىن ھازىرغىچە خەۋىرىنى ئالالمىغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكادا ئېلىپ بارغان ئىش-پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئامېرىكادىكى فىرقەت جاۋدەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ياشلار بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، ب د ت دىكى «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ مەسىلىسى» خىزمەت گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى بىلدۈردى. 

بىز زىيارەت جەريانىدا ئارافاتتىن يۇقىرىقى خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە خىتاي تەرەپتىن تەھدىت ئۇچۇرلىرى كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزچىل مۇشۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى ھازىرغا قەدەر بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقىنى بىلدۈردى. 

ئارافات ئەركىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئاتا-ئانىسىنى قويۇۋەتمىسە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى. بىز ئۇنىڭدىن بۇنىڭ تەپسىلاتىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك ئىزاھات بەردى: «نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› پىلانى بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە مەبلەغ سالدى. گەرچە خىتاي پۇل بىلەن ئۇلارنى كونترول قىلىۋاتقان بىلەن بەزى دۆلەتلەردە خەلقنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى كۈچلۈك. شۇڭا ئەگەر شۇ دۆلەتلەردىكى ھەربىر رايونلاردا خىتايغا قارشى تەشۋىقات كۈچەيتىلسە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا مەلۇم جەھەتتىن تەسىر يەتكۈزگىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.