ئەركىن تۇنياز شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» نى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.05.24
erkin-tuniyaz-axbarat-yighini 21-ماي كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز بايانات بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 21-ماي، بېيجىڭ
xinjiang.gov.cn

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى تەرىپىدىن، 21-ماي كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» تېمىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز بايانات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

 شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ 22-ماي كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئەركىن تۇنياز باياناتىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۈتكۈل خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئېنېرگىيە بايلىقى بىلەن تەمىنلەش، رايوننى ئاشلىق ۋە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىسىغا ئايلاندۇرۇش، تاشقى پېرېۋوتتا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان سودا-ئىقتىساد ئالاقىسىدە ئالتۇن دەرۋازا بولۇش قاتارلىقلاردا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى سان-سېپىر بويىچە بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ماختىغان.

 ئەركىن تۇنياز مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگىنىدە، رايوندا خىتاي مائارىپىنىڭ يەسلىدىن تارتىپ ئومۇملاشتۇرۇلغانلىقى، مۇقىملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن رايوندا قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ ھەر مىللەت خەلقىگە ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىپ يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقانلىقى ۋە رايوندا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق تەرەققىيات ئېڭى» ۋە «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتىنىڭ كەڭ قانات يايدۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.

 ئەركىن تۇنياز سۆزىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا يەنە رايوندا قولغا كەلتۈرگەن بارلىق نەتىجىلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى» تەرەققىيات نىشانى بويىچە قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» نى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئېچىلغان مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلار ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

نيۇ-يوركتىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن تەيىنلەنگەن رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئاغزى ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاتالمىش نەتىجىلەرنى ئاڭلىتىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە بۇ خىل مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ما جۈ مۇنداق دېدى: «ئۇلار بۇ بايانات يىغىنىدا ئۇنى (ئەركىن تۇنىيازنى) سۆزلىتىش ئارقىلىق، تاراتقۇلارغا ۋە دۇنياغا ئۇيغۇرلار شىنجاڭنى باشقۇرۇۋاتىدۇ دېگەن يالغان كۆرۈنۈشنى كۆرسەتمەكچى. بىز شۇنى بىلىمىزكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتالمىش رەئىسى ئەزەلدىنلا كۆرۈنۈشكىلا قويۇپ قويۇلغان، گېپى ئۆتمەيدىغان بىر قورچاق ئەمەلدار خالاس. مەيلى نۇر بەكرى بولسۇن، ياكى ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەئىس (ئەركىن تۇنياز) بولسۇن، ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى رەئىس (شۆھرەت زاكىر) بولسۇن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ساختا كۆرۈنۈش ياساشقا ئېھتىياجلىق بولغان چاغدىلا ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ. ئەمما رايون ھەققىدە بېرىلىدىغان ھەرقانداق چوڭ كىچىك قارارلاردا ئۇلارنىڭ پىكىر بېرىش ھوقۇقى بولغان ئەمەس. ئۇ يەردە ياشاپ باققانلار بىلگىنىدەك، ئۇ جايدا خىتايلارنىڭ دېگىنى ھېساب، ئەمما ئۇيغۇرنىڭ گېپى ئۆتمەيدۇ.»

ما جۈ ئەپەندى سۆزىنى داۋام قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان مۇخبىرلارغا بايانات يىغىنىدىكى بايانات، قاتنىشىدىغان مۇخبىرلار ھەتتا ئۇلارنىڭ سوئاللىرىدىن تارتىپ بېرىلىدىغان جاۋابلارغىچە ھەممىسىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇنداق بايانات بېرىش يىغىنلىرىدا، ئاتالمىش باياناتچىنىڭ ھەتتا بىر ئېغىز گەپنىمۇ ئارتۇق قىلىش ئىمكانىيىتى يوق بولغاچقا، بۇنداق بايانات بېرىش يىغىنلىرى پۈتۈنلەي يالغانچىلىق بولۇپ، كىشىلەرنى ئىشەندۈرەلمەيدىكەن.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنياز ئارقىلىق خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاش ۋە ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بايانات بېرىش يىغىنىدا ئەركىن تۇنىيازنىڭ باياناتى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرىنى نەقىل ئېلىپ، ئەركىن تۇنىيازنىڭ سۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتىنى ۋە رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەركىن تۇنياز تەكىتلىگەن ئاتالمىش 5 نۇقتىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان، يەر ئاستى يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىش، ئۇيغۇرلارنى خىتاي شىركەت-زاۋۇت ۋە تېرىلغۇ يەرلەردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتەك مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئەركىن تۇنىيازنىڭ سۆزىدىكى ئاتالمىش مائارىپ تەرەققىياتىدا يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى دېگەنلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر مائارىپىنى يوقىتىپ مەجبۇرىي يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە ئەركىن تۇنىيازنىڭ رايون سىياسىتىدە شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» نى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەركىن تۇنىيازنىڭ «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق تەرەققىيات ئېڭى» ۋە «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نى كۈچەيتىش ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.