بەزى خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئەسەبىي مىللەتچىلىك خاھىشى غەربتە خىتايغا نىسبەتەن سەلبىي قاراشلارنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتىكەن
2022.07.13
خىتاينى دۇنياغا يامان كۆرسىتىۋاتقان ئامىل يالغۇز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جىنايەتلىرىلا ئەمەس، بەلكى يەنە بەزى خىتاي پۇقرالىرىدىكى ئەسەبىي مىللەتچىلىك خاھىشى بولماقتىكەن.
12-ئىيۇل گېرمانىيە تاراتقۇلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى توغرىسىدا ئېلان قىلغان «خىتاي بىر مۇسۇلمان يۇرتىنى ساياھەت شەھرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى» ناملىق ماقالىدە، جازا لاگېرلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان ۋەھشىيانە سىياسەتلىرىنىڭ يالغۇز گېرمان پۇقرالىرىنىڭلا ئەمەس، گېرمانىيە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭمۇ دىققەت نەزەرىدە تۇرۇۋاتقانلىقى، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بارغانسېرى قاتتىق مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىزنىڭ 22-ماي ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» يىغىنىدا 2500 دىن ئارتۇق پۇلدارلار ۋە دۆلەت ئەربابلىرى ئالدىدا «بىز خىتاينىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرمەسكە سالالمايمىز» دېگەنلىكى سىن كۆرۈنۈشى بىلەن قوشۇپ بېرىلگەن. بۇ سۆزنى ئولاف شولىز ئالدىنقى ئاي باۋارىيەدە چاقىرىلغان G7 يىغىنىدىمۇ تىلغا ئالغان.
گېرمانىيە تاراتقۇلىرى بۇندىن ئىلگىرى ئولاف شولىزنىڭ باش مىنىستېر بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خىتايدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشىنى «گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى زور بۇرۇلۇش» دەپ ئاتىغان ئىدى. ARD تېلېۋىزىيە قانىلى 11-ئىيۇل ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، خىتايغا باش مىنىستېردىنمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى ئاننالېنا بايېربوكنىڭ 11-ئىيۇل ھىندونېزىيەدىكى 20 دۆلەت يىغىنىدىن قايتىپ ياپونىيەنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاينى ئەيىبلەپ: «بېيجىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە توغرا كەلمىگەندە، خەلقئارا قائىدىلەرگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى بىر-بىرلەپ ئىسپاتلاپ كەلدى، خىتاي ئورتاق خەلقئارالىق تېنىچلىق بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىغا خەۋىپ يەتكۈزمەكتە» دېگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاننالېنا بايېربوك ياپونىيە زىيارىتىدە ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ۋاپاتىغا يەنە بىر قېتىم تەزىيە بىلدۈرگەن. خەۋەرلەردە گېرمانىيەنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.
گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى پروفېسسور ئالىكساندېر گۆرلاخ 9-ئىيۇل «فوكۇس» ئاخبارات قانىلىدا ئېلان قىلغان «زەھەرلىك ئارىلاشما: خىتاينىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىك نىقابىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان ھەقىقەت كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» ناملىق ماقالىسىدە «كېڭەيمىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىقتىن ئىبارەت زەھەر ئارىلاشمىسىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئىدېئولوگىيەسى» ئىكەنلىكىنى، شى جىنپىڭنىڭ بۇ زەھەرنى مىللەتچىلىك بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، پۈتۈن خىتايغا كەڭ يېيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ماقالىدە «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى زورلۇق بىلەن تارتىپ ئېلىندى، ئۇلار قاماقخانىلارغا سولاندى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ تاشلاندى،» دېيىلگەن.
دەرۋەقە، مىللەتچىلىك بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان شى جىنپىڭنىڭ زەھىرى بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىغا خېلىلا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. دۇنيا سىياسىيونلىرى تەرىپىدىن «ئىقتىدارلىق دېپلومات، ياراملىق ئىسلاھاتچى، ئەخلاقلىق ئىنسان» دەپ تەرىپلەنگەن ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى شىنزو ئابې 8-ئىيۇل قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بەزى خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ «خىتايچە ۋەتەنپەرۋەرلىكى» تۇتۇپ كېتىپ، ئۇلار مەخسۇس لوزۇنكىلارنى ياساپ، زىياپەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ، شىنزو ئابېنىڭ ئۆلۈمىنى تەبرىكلەشكەن. لوزۇنكىلارغا «ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ئۆلۈمىنى خۇشاللىق بىلەن قىزغىن تەبرىكلەيمىز»، «ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ باش ۋەزىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز» دېگەندەك سۆزلەر يېزىلغان. ئاخبارات ئەركىنلىكى قامال قىلىنغان خىتايدا، بۇ بىر قىسىم خىتاي ئەسەبىي مىللەتچىلىرىنىڭ «يۈرەك سۆزلىرى» گە كەڭ ئورۇن ئاجرىتىپ بېرىلگەن.
خىتايلارنىڭ شىنزو ئابېنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى تەنتەنىلىرىگە ئائىت سۈرەتلەر تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن «تەرجىمانلار ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان بىر گورۇپپادىكى كىشىلەر خىتايلارنىڭ سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، سۈرەتلىرى بىلەن قوشۇپ كەڭ تارقاتقان. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتتە مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان قاراشلاردا زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن. بولۇپمۇ، ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا ئۇنىڭ تەسىرى ئالاھىدە زور بولغان.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرقانچە كۈن ئىلگىرى 19 دۆلەتتىكى پۇقرالار ئارىسىدا خىتايغا بولغان قاراش توغرىسىدا راي سىناش ئېلىپ بېرىلغان. راي سىناش نەتىجىسىدە 87 پىرسەنت ياپونلۇق، 86 پىرسەنت ئاۋىسترالىيەلىك، 83 پىرسەنت شىۋىتسىيەلىك، 82 پىرسەنت ئامېرىكالىق، 80 پىرسەنت كورىيەلىك خىتايغا سەلبىي قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گوللاندىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىن راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ خىتايغا سەلبىي باھا بېرىش نىسبىتى 65 پىرسەنت بىلەن 79 پىرسەنت ئارىلىقىدا بولغان.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بەزى خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ شىنزو ئابېنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى تەنتەنىلىرى ئىنسانىيلىقتىن ھالقىغان بىر مەسىلە بولۇپ، دۇنيا جامائىتى ئالدىدا ئىنتايىن يامان تەسىرلەر پەيدا قىلغان. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرى قوشۇلۇپ، خەلقئارادا خىتايغا نىسبەتەن سەلبىي قاراشلار تېخىمۇ كۈچەيگەن.