رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئىنىسى ئەخمەت سۇلايماننىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.02.26
رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئىنىسى ئەخمەت سۇلايماننىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى رادىيومىز تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ تۇتقۇندىكى ئىنىسى، قۇمۇل شەھەر تەڭرىتاغ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئەخمەت سۇلايمان ئەپەندى.
Photo: RFA

رادىيومىز تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ تۇتقۇندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ ئىنىسى-قومۇل شەھەر تەڭرىتاغ يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئەخمەت سۇلايماننىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى. تۇتقۇننى دەلىللىگەن ساقچى، ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن پەقەت يېزا دەرىجىدىن يۇقىرى رەھبەرلەرنىڭلا خەۋەر تاپالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رادىيومىز تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئاكىسى ئەھەت سۇلايماننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن، بىز يەنە ئۇنىڭ 4 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى غايىب بولغان ئىنىسى ئەخمەت سۇلايمان ۋە باشقا بەش نەپەر نەۋرە قېرىندىشى ھەققىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن ئەخمەت سۇلايمان شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قۇمۇل شەھەر غەربىيتاغ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، تەڭرىتاغ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېزا باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2017‏-يىلىدىن باشلاپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. ئەخمەت سۇلايمان بىلەن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قومۇل تەتقىقات زىيارىتىدە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان، نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئەخمەت سۇلايمان 2017‏-يىلنىڭ باشلىرى تۇتقۇن قىلىنغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇمۇل شىڭشىڭشا (ئارايۇلتۇز) ساقچىخانىسى ئەخمەت سۇلايمان ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن شەھەرلىك پارتكومدىن مەلۇمات ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. قومۇل شەھەرلىك پارتكوم خادىمى ئەخمەت سۇلايماننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تەڭرىتاغ يېزىلىق ساقچى خادىمى ئەخمەت سۇلايماننىڭ 2018‏-يىلىدىن باشلاپ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. مەزكۇر خادىم نۆۋەتتە تەڭرىتاغ يېزىسىدا ئەخمەت سۇلايماننىڭ ئورنىدا شاراپەت ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ يېزا باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى، ئەمما ئەخمەت سۇلايماننىڭ تېخى كېسىلگەن-كېسىلمىگەنلىكى، كېسىلگەن بولسا جازا مۇددىتىنى قەيەردە ئۆتەۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بىز ئۇنىڭدىن ئەخمەت سۇلايماننىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ چەت ئەلدىكى ئاكىسى ئەسەت سۇلايمان بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇنىڭ بىر «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتە گەپ سورىماسلىقىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ يەنە بۇ ھەقتە پەقەت يېزا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭلا مەلۇماتى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئەسكەرتتى.

دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئەخمەت سۇلايماننىڭ نەۋرە قېرىنداشلىرىدىن 58 ياشلىق جېلىل ئوسمان بىلەن 49 ياشلىق مۇھەممەت ئوسمانمۇ تۇتقۇندا ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، جېلىل ئوسمان ئىلگىرى قۇمۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن ئىشخانا مۇدىرى، قومۇل ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، كېيىنكى يىللاردا قومۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ھەمدە قومۇلدا تونۇلغان شەخسلەردىن ئىكەن. قومۇل شەھەرلىك پارتكومنىڭ خادىمى جېلىل ئوسمان ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرەلمىدى.

ئىگىلىنىشىچە، 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا شىئەن مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن مۇھەممەت ئوسمان قومۇل ۋىلايەتلىك 1‏-دوختۇرخانىنىڭ مۇدىر ۋراچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2012-يىلى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا 6 ئاي بىلىم ئاشۇرغان ئىكەن. دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ خەۋەر تېپىشىچە، مۇھەممەت ئوسمان 2017‏-يىلى تۇتۇلۇپ، 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى جېلىل ئوسمان بىلەن مۇھەممەت ئوسماننىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى كىشىلەر ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

يەنە دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئەخمەت سۇلايماننىڭ قۇمۇل شەھەر تەڭرىتاغ يېزا قىزىليار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق نەۋرە قېرىنداشلىرىدىن 42 ياشلىق ئېلى ئابلېلىم (ئابدۇلىم)، 40 ياشلىق ئابلاجان ئابلېلىم ۋە 35 ياشلىق ئادىل ئابلېلىملەرمۇ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» گۇمانى بىلەن تۇتۇلۇپ ئالدىنقى يىللىرى يېپىق سوت ئارقىلىق 17 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەن. قۇمۇلدىكى يەرلىك دائىرىلەر بىر ئائىلىدىكى بۇ ئاكا-ئۇكا بۇ ئۈچ قېرىنداشنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسەت سۇلايماننىڭ قومۇلدىكى قېرىنداشلىرى 2011-‏2012-يىللىرىلا ئېغىر نازارەت ئاستىدا بولۇپ، ئۇكىسى ئەخمەت سۇلايمان دوكتور ئابلەت سەمەت بىلەن بىرقانچە قېتىم ئۇچرىشىش ھەم سۆھبەتلىشىش جەريانىدا چەت ئەلدە ئاكىسىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئېغىز ئاچمىغان. ئابلەت سەمەتنىڭ دېيىشىچە، مۇشۇ دەرىجىدىكى ئېھتىياتچانلىقمۇ ئۇنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بىخەتەر ياشىشىغا دالدا بولالمىغان.

يۇقىرىدا رادىيومىز تەھرىرى ئەسەت سۇلايماننىڭ ئىنىسى ئەخمەت سۇلايماننىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللەنگەنلكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.