ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا يازغان خېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى» نى يازغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021.12.27
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ب د ت نىڭ باش كاتىپىغا يازغان خېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى» نى يازغان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى 1959-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى خەت ئەۋەتكەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى داگ ھاممارشۆلد(Dag Hammarskjöld) ئەپەندى.
un.org

20-ئەسىر ئۇيغۇر دىيارى تارىخىدا «3 ئەپەندى» دەپ تونۇلغان مەشھۇر شەخسلەردىن بىرى بولغان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ 1959-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى داگ ھاممارشۆلدگە يازغان بىر پارچە خېتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلغان.

ھازىر شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقلىنىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان كوللېكسىيونى» دىكى خەت-چەكلەر ئىچىدە تونۇلغان دىپلومات، تۈركولوگ گۇننار ياررىڭنىڭ ئۇيغۇر سىياسىيونلار، تۈركولوگلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا يازغان خەت-چەكلىرىدىن سىرت، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ب د ت باش كاتىپىغا يازغان خەتلىرىمۇ بار ئىكەن.

بىز بۇ خەت-چەكلەرنى مەزكۇر ئارخىپتىن تېپىپ ئېلان قىلغان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، ئۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان كوللېكسىيونىدىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە ئائىت مەكتۇپلار» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە تەپسىلىي توختالغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن پايدىلانساق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە ئائىت مەزكۇر مەكتۇپلار ئىچىدە، ئەيسا ئەپەندىنىڭ 1959-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى داگ ھاممارشۆلدگە يازغان بىر پارچە خېتى بار بولۇپ، مەزكۇر خەتتە ئەيسا ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ئۇيغۇرلار يوق قىلىش سىياسىتى، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغان.

زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم ماقالىسىدە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولغان داگ ھاممارشۆلد ئەپەندىگە يازغان خېتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنۇلارنى يازغان: «بۇ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى 1959-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى داگ ھاممارشۆلدگە يازغان بىر پارچە خەتتۇر. بۇ كىشى 1953-يىلىدىن 1961-يىلغىچە تاكى ئايروپىلان ۋەقەسى سۇيىقەستىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغانغا قەدەر ب د ت دە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1961-يىلىدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىكەن.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بۇ خېتى جەمئىي ئۈچ بەت بولۇپ، خەت تۈرك تىلىدا يېزىلغان. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى خېتىدە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ قىزىل خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن تارتىپ ‹شىنجاڭ› نامى بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا، خەلققە ئېغىر بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، 6 نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ ئاڭلىتىدۇ. بۇ ئالتە نۇقتا ئىچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەرنى ئۇيدۇرۇپ چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش، ئىسكەنجە قىلىش جازاسى بېرىش ئارقىلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، كوممۇنا نامىدا سىستېما قۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنى 18 سائەت مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئاز دەپ ئاچ-يالىڭاچ قويۇۋاتقانلىقى ۋە يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، خىتاي كۆچمەنلەرگە بۆلۈپ بېرىشىنىڭ، نۇرغۇن كىشىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشقا مەجبۇر قالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، تىلى، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ ئورنىغا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى دەسسىتىۋاتقانلىقىدەك تەقدىرگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىدۇ».

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ب د ت باش كاتىپىغا يازغان بۇ خېتى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى خىتاينىڭ ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان كۈندىن باشلاپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى قاتارلىق كۆپ ساندىكى دۆلەت رەھبەرلىرىگە بۇ ھەقتە خەت يازغان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتالمىغانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇرلارغا پۇرسەت كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان خەتلىرى نېمە قىممەتكە ئىگە؟ ئەنقەرەدىكى ھاجەتتە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار يېزىپ قالدۇرغان كىتاب، ماقالە، خەت-چەك ۋە دەۋا پىلانلىرىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇزۇن يىل مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلغان سابىق شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان كۆكتۈرك ئەپەندى ئەينى دەۋردە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەر قايسى دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتمىگەن بولسىمۇ، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2021-يىلى 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەردىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، مەسئۇت سابىرى بايقۇزى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىندىن ئىبارەت «3 ئەپەندىلەر» دىن بىرى بولغان مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى، شۇنداقلا 2021-يىلى 12-ئاي مەرھۇمنىڭ ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە ئېيىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.