ئەزەربەيجان يۈكسىلىش پارتىيەسى رەھبىرى: «ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز»

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئەزەربەيجان يۈكسىلىش پارتىيەسى رەئىسى ئانار ئەسەدلى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچرىشىپ تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەر بولۇپمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئەزەربەيجان جامائەتچىلىكىگە قانداق ئاڭلىتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. مۇزاكىرە ئاخىرىدا ئەزەربەيجان يۈكسىلىش پارتىيەسى رەئىسى ئانار ئەسەدلى ئەپەندى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ئۆز مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئەزەربەيجان يۈكسىلىش پارتىيەسى رەئىسى ئانار ئەسەدلى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ئۇچراشتى. 2021-يىلى فېۋرال، تۈركىيە.

8-فېۋرال كۈنى چۈشتىن كېيىن ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشقا ئەزەربەيجان يۈكسىلىش پارتىيەسى رەئىسى ئانار ئەسەدلى ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى بەھرەم ئىسمايىلوف، ئېلشات ئابدۇللايەف ۋە پارتىيە رەئىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى رىزا ھەيئەت قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

ئۇچرىشىشتا ئالدى بىلەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆز قىلىپ، تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەر قايسى مىنىستىر ۋە ئىدارە-جەمئىيەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەندە، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ھەر جەھەتتىن كۈچلەنگەندە شەرقىي تۈركىستانلىقلار، ئىراق تۈركمەنلىرى، جەنۇبىي ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ ئاۋازىنى خەلقئاراغا تېخىمۇ ياخشى ئاڭلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، مەزكۇر دەۋانىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئەزەربەيجان يۈكسىلىش پارتىيەسى رەئىسى ئانار ئەسەدلى ئەپەندى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسى باشتا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش بولۇپمۇ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پاش قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان ئەزەربەيجاندا ھەر دائىم ھەممە كىشىنىڭ قەلبىدىكى مۇھىم بىر مەسىلىدۇر. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆپ قېتىم نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدۇق. ھەر قايسى تېلېۋىزيەلەردە سۆزلەپ خەلقىمىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردۇق. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئىراق تۈركمەنلىرى مەسىلىسى، بىزنىڭ قاراباغ مەسىلىسى بىلەن ئوخشاش. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى بىر يارا. بۇ يارىلارنى ساقايتىش، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تارتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز».

ئەزەربەيجان يۈكسىلىش پارتىيەسى يېڭى قۇرۇلغان سىياسىي پارتىيە بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پارتىيەلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، پىكىر ئامبىرى قۇرۇش، شېرىك ئاخبارات مەركەزلىرى قۇرۇش قاتارلىق تېمىلارغا ئورۇن بېرىلگەن. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئەزەربەيجان يۈكسىلىش پارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ د ئۇ ق ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مەسئۇللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىىش ھەققىدە بىزگە مەلۇمات بەردى.

ئۇچرىشىش ئاخىرىدا ئانار ئەسەدلى ئەپەندى ئەزەربەيجان يۈكسىلىش پارتىيەسىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان يۈكسىلىش پارتىيەسى مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پارتىيەدۇر. شۇڭا بىز پائالىيىتىمىزنى ئالدى بىلەن ئەزەربەيجان خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەلۇمات بېرىش بىلەن باشلىماقچى. چۈنكى ياش ئەۋلادلىرىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەلۇماتى يوق. ئۇلارغا تۈرك دۇنياسىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشىمىز كېرەك. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك بىزمۇ 75 يىل سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالى ئاستىدا قالغان بىر مىللەت. ئىران زۇلۇمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان مىليونلىغان ئەزەربەيجانلىق تۈرك بار. تۈركىي مىللەتلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ بۆلۈنۈپ كەتكەن خەلق. شۇڭا تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىز ئەزەربەيجان يۈكسىلىش پارتىيەسى بۇندىن كېيىن ھەر خىل يوللار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىمىز».

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى ئېلى مەمەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇچرىشىشتا ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنىڭ چۈشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قىسقارتىلغان نامى «ئاي پارتىيەسى» بولغان «ئەزەربەيجان يۈكسىلىش پارتىيەسى» مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پارتىيە بولۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى قۇرۇلغان ئىكەن. پارتىيە رەھبەرلىرى بۇ قېتىم تۈركىيەگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇچراشقان.