فېيسبۇك شىركىتى خىتاينىڭ فېيسبۇك سۇپىسىدا ئۇيغۇرلارنى تەقىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاشكارىلىمىغان

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئ‍ىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى فېيسبۇكنىڭ بىر سابىق ئىجرائىيە ئەمەلدارى، خىتاي ۋە ئ‍ىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ فېيسبۇك سۇپىسىدا جاسۇسلۇق ھەركىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىپ قىلىدىغانلىقى، بىراق فېيسبۇكنىڭ بۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئېيتمىغانلىقىنى ئاشكارلىدى.

فرانسېس خاۋگېن ئىلگىرى فېيسبۇكنىڭ ئ‍ىستىخبارات تەھدىت گۇرۇپىسىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ فېيسبۇك سۇپىسىنى ئ‍ۆزىنىڭ يامان غەرىزى ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى فېيسبۇك شىركىتىنىڭ بىلىپ تۇرۇپ يول قويغانلىقىنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 5-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئاشكارلىغان.

فرانسېس خاۋگېن بۇ ئىشلارنى فەيسبۇكنىڭ ئىنستىگرام ئەپى ئاسان زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان ئۆسمۈرلەردە تەشۋىش ۋە ئ‍ۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خىيالىنى كۈچەيتىۋېتىش، فېيسبۇك بۇنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، بۇنىڭغا قارشى ھېچقانداق تەدبىر ئالماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا پاش قىلغان.

فرانسېس خاۋگېننىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئىستېمالچىلارنى قوغداش، مەھسۇلات ۋە ساندان بىخەتەرلىك تۆۋەن كومىتېتىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئېيتىشىچە، ئۇ فېيسبۇكنىڭ ئ‍ىستىخبارات تەھدىت خىزمىتىنى قىلغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ فېيسبۇك سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش ھەركىتىنى تەقىپ قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن ئىكەن.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى دان سوللىۋاننىڭ «فېيسبۇك خىتايغا ئوخشاش ئىستىبدات دۆلەتلەر، ئىراندىكى ئاياتۇللاھ ياكى تالىبانغا ئ‍وخشاش تېرورلۇق ماھىيىتىدىكى كىشىلەرنى، شى جىنپىڭدەك بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىستىبدات رەقىپلەرنى مۇنبەر بىلەن تەمىنلەۋاتامدۇ؟» دېگەن سۇئالىغا بەرگەن جاۋابىدا ئېيتقان.

فرانسېس خاۋگېن مۇنداق دىگەن: «مەن تەھدىت ئىستىخباراتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋاقتىمدا، يەنى جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ پروگرامما دىرىېكتورى بولۇپ ئىشلىگەن ۋاقتىمدا، مېنىڭ گۇرۇپپام بىۋاستە خىتاينىڭ فېيسبۇك سۇپىسىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش ھەركىتىنى تەقىپ قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەمەلىيەتتە سىز خىتاينىڭ قىلغان بۇ ئىشلىرىغا ئاساسلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تاپالايتىڭىز.»

فرانسېس خاۋگېننىڭ سۆزى كېڭەش پالاتا ئەزاسى دان سۇللىۋاندا، «بىزنىڭ رەقىپلىرىمىز فېيسبۇكتىن ئامېرىكانىڭ چىقىمى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ؟» دېگەن سۇئال پەيدا قىلغان. خاۋگېننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ فېيسبۇكتىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى بىر رېاللىق بولۇپ، فېيسبۇكنىڭ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋىرى بار ئىكەن.

ئ‍ۇ دان سۇللىۋاننىڭ سۇئالىغا قاۋاپ بېرىپ: «شۇنداق، فېيسبۇكنىڭ بۇ سۇپىدا مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بولىۋاتقانلىقىدىن ناھايىتى ياخشى خەۋىرى بار. مەن ئىشىنىمەنكى، دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ ئىشتا قانچىلىك ئادەمنىڭ ئىچكىي قىسىمدا ئىشلەۋاتقانلىقى توغرىسىدا دوكلاتقا ئېرىشەلمەسلىكى قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى سىزنىڭ ئامېرىكا خەلقىنى قوغداش ھوقۇقىڭىز بار،» دېگەن.

فېيسبۇك خىتايدا چەكلەنسىمۇ، بىراق ئۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا كەڭ قوللىنىدىغان ئاساسلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسىدۇر. خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدىن بۇرۇن ئۈندىدار بىر مەزگىل دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاقە قورالىغا ئايلانغان. بىراق 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئ‍ۈندىدار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ مۇھىم ئۇچۇر مەنبەسى بولۇپ قالغان. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۈندىدارغا يوللىغان ئۇچۇرى ياكى چەت ئەل بىلەن بولغان ئالاقىسى سەۋەبلىك لاگېرلارغا قامالغان ياكى كېسىلگەن ئىدى.

فرانسىز خاۋگېننىڭ سۆزى دەرھال كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى پېتىر ئىرۋىڭنىڭ ئېيتىشىچە، فېيسبۇك ئۆزىنىڭ بۇ خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئالمىسا، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەك خەتەرلىك ئىكەن.

پېتىر ئىرۋىڭ مۇنداق دەيدۇ: «فېيسبۇك ئۆتكەن ھەپتە ئاممىۋىي ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، بۇ ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ بىر ئ‍ىجابىي ئىپادە بولسىمۇ، بىراق ئوخشاش بىر ۋاقىتتا فېيسبۇك تەدبىر قوللىنىپ، بۇنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلمىسا، چاتاق بولىدۇ.» پېتىر ئىرۋىڭنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر فېيسبۇك بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلمىسا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ تۈرمىگە قامىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

پېتىر ئىرۋىڭ يەنە دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا دەرھال گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىشى، 2-قەدەمدە فېيسبۇكنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن دۆلەت مەجلىسى بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىشى لازىم. ئەگەر ئىران ۋە خىتايغا ئوخشاش ياكى باشقا چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى فېيسبۇك سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئ‍ۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلسا، قورقۇتسا ياكى خەتەرگە مۇپتالا قىلسا، دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇنى ئويلىشىش مەسئۇلىيىتى بار. دۆلەت مەجلىسى ئالدى بىلەن گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، بولغان ئىشنى ياخشى ئىگىلىشى، ئاندىن فېيسبۇكنى بۇنىڭغا قارىتا تېخىمۇ ئېنىق جاۋاپ بېرىشكە، نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى، نېمىلەرنى كۆرگەنلىكى ۋە بۇنى قانداق توختىتىشقا بېسىم قىلىشى كېرەك.»

لېكىن پېتىر ئىرۋىڭنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئۇيغۇرلارمۇ فېيسبۇكنى قانداق مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە، نېمىلەرنى چاپلاش، نېمىلەرنى چاپلىماسلىققا دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. پېتىر ئىرۋىڭ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، ئۇيغۇر جامائىتىمۇ فېيسبۇكقا قانداق نەرسىلەرنى يوللاش، قانداق ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭ شەخسىي ئۇچۇر سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىششنى قاتتىق ئويلىشىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھەر بىر ئادەم فېيسبۇكنى ھەر كۈنى داۋاملىق ئىشلىتىشنىڭ قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشۈنىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق. بىزنىڭ سىگنالغا ئوخشاش تېخىمۇ بىخەتەررەك ئ‍ىجىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىغا كۆچۈشكە ئېھتىياجىمىز بار.»

لېكىن فېيسبۇكنىڭ ئ‍ىجرائىيە دېرىكتورى مارك زۇكېربېرگ فرانسېس خاۋگېننىڭ ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا فېيسبۇك ۋە ئۇنىڭ ئىنستىگرام ئەپىنى ئاقلىغان. ئامېرىكا CNBC قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زۇكېبېرگ فرانسېس خاۋگېننىڭ گۇۋاھلىق بەرگەندە «نۇرغۇن مەسىلىلەردكى خاراكتېرلەندۈرۈشىگە قوشۇلمايمىز،» دېگەن. لېكىن 5-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا، كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىچارت بلۇمېنتال خاۋگېننىڭ فېيسبۇك خىتاي، ئىرانغا ئ‍وخشاش دۆلەتلەرنىڭ فېيسبۇك سۇپىسىدا جاسۇسلۇق قىلىشىغا يول قويغانلىقىغا ئائىت گۇۋاھلىق سۆزى يەنە بىر گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىشنىڭ يولىنى ئاچقانلىقىنى ئېيتقان.