ئاجىزلاۋاتقان «فاشىزىم» چۈشەنچىسى ۋە ئۇيغۇرلاردا تەكرارلىنىۋاتقان تارىخىي پاجىئەلەر

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-11-09
Share
shadi-hamid.jpg ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «بروكىڭ ئاقىللار مەركىزى» نىڭ خادىمى، 2019-يىلى «دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە 50 مۇتەپەككۇر» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان دوكتور شادى ھامىد ئەپەندى تور يىغىنىدا. 2020-يىلى 8-نويابىر.
Social Media

يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكادىكى بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇنتۇلغىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن «فاشىستلىق» ياكى «فاشىزىم» ئاتالغۇلىرى ئانچە-مۇنچە كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمما بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «فاشىزىمغا قارشى دۇنياۋى بىرلىكسەپ» ھەققىدە ئەمەس، ئەكسىچە ئامېرىكادىكى بىر قىسىم سىياسيونلارغا دارىتمىلىنىشى بۇ ساھە بىلەن تونۇشلۇقى بولغان بەزى مۇتەخەسسىلەرنى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئۈندىدى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «بروكىڭ ئاقىللار مەركىزى» نىڭ خادىمى، 2019-يىلى «دۇنيادىكى ئەڭ تەسىرگە ئىگە 50 مۇتەپەككۇر» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان دوكتور شادى ھامىد ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

شادى ھامىدنى تەئەججۈپلەندۈرگەن بىر نۇقتا ئامېرىكا زېمىنىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەردە ئىجتىما’‍ي مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زور كۆلەملىك پۇقراۋىي توقۇنۇشلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قىسىملارنى ئەۋەتىپ تەرتىپ ساقلىشىنى بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ «جامائەت پىكرىنى باسقانلىق ھەمدە فاشىستلىق قىلغانلىق» دەپ ئەيىبلىشى بولغان. بولۇپمۇ بەزىلەرنىڭ «تەرتىپنى ساقلاش» ھەققىدە سۆز قىلغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى توم كاتتوننى «فاشىست» دەپ ئاتىشى ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان. ئۇ «ئاتلانتىك» گېزىتىدە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە بۇ يۈزلىنىشنى كەسكىن تەنقىدلەپ «ئەگەر بۇ ئىشلارنى فاشىزىمغا باغلىساق ئۇ ھالدا ئامېرىكالىقلارنىڭ فاشىزىم ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى بەكلا ئاجىزلاپ كېتىپتۇ، دېسەك بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە فاشىزىم بىلەن باغلىنىشلىق بولغان شۇنچە زور قەبىھلىك يۈز بېرىۋاتقاندا بۇ كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىشنىڭ ئورنىغا گەپنى باشقا ياققا ئېلىپ قېچىشى «تۆگىنى تاشلاپ تۈگمىگە ئېسىلغانلىق» تىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ‹نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى›نىڭ بىرنەچچە ھەپتە ئىلگىرىكى باش ماقالىسىگە قارايدىغان بولسىڭىز ئۇنىڭدىن فاشىزىمنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا خوڭكوڭدىكى قانۇن چىقارغۇچى كاتتىلار ئۆكتىچىلەرنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ نوپۇزىغا قارشى چىققۇچى بارلىق كىشىلەرنى شۇنچىلىك قەبىھ ئىبارىلەر بىلەن ئەيىبلىگەنىدى. ‹نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى› بولسا دېموكراتىيىنى ئاشۇنداق ياۋۇزلارچە باستۇرۇۋېتىشنى تەرغىب قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زالىم تەبىئىتىگە ھېسداشلىق قىلغان بىر كىشىنىڭ ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ كەڭرەك دائىرىدىن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرىدىن چىقىپ تۇرۇپ يورۇتۇپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. چۈنكى بەزىلەرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىيلەر ئارقىلىق جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش قىلمىشىنى ‹فاشىستلىق› دەپ ئەيىبلىشى ماھىيەتتە بىزدىكى دېموكراتىيىگە قارا چاپلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەمما بۇ كىشىلەر ‹فاشىزىم› ياكى ‹ھاكىممۇتلەقلىق› ھەققىدە سۆز بولغاندا نېمىشقىدۇر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمايدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ‹فاشىست› دەپ ئاتاشتىنمۇ قورقىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزى ماڭا بىر قىسىم زاتلىرىمىزدىكى روشەن بولغان قوش ئۆلچەم خاھىشىنىڭ شولىسى بولۇپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى. تېخىمۇ مۇھىمى بىزدىكى بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ ‹فاشىزىم› ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ بەكلا ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى نامايان قىلدى. ھالبۇكى ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان شۇنچە قەبىھ قىلمىشلار مانا مەن دەپ تۇرسا، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولۇشى مېنى بەكلا بىئارام قىلدى. چۈنكى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشلارغا جاۋابكار بولىدىغان ۋاقتى يېتىپ كېلىۋاتىدۇ.»

دوكتور شادى ھامىدنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە «فاشىزىم» نىڭ تىپىك بەلگىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇشتا بەكمۇ ئاشكارا ئەكس ئېتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرماقتىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر بىر قىسىم سىياسىيونلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھادىسىلەر توغرىسىدا «كىشىلىك ھوقۇق» ئىبارىسىنى ئەمەس، ئەكسىچە «قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسىنى قوللىنىشقا يۈزلەنمەكتىكەن. يەنە كېلىپ بۇنداق ئاچچىق رېئاللىق ئالدىدا «قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسىنى قوللىنىش مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى يورۇتۇپ بېرىدىكەن.

«مېنىڭچە ‹قىرغىنچىلىق› دېگەن ئىبارە بەكلا مۇھىم. چۈنكى بۇ ئاتالغۇ ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى چۈشىنىشتە، بۇ باستۇرۇشلارنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولۇۋاتقان ئادەتتىكىچە ۋە ئومۇمىيلىق تۈسىنى ئالغان ئىجتىمائىي ھادىسىلەردىن نەچچە ئېغىر بولغان پاجىئە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشتا بەك مۇھىم. بەزىلەر بۇ ھادىسىلەرنى ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› دەپمۇ ئاتاۋاتىدۇ. چۈنكى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىللەتنى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە بۇنىڭغا تالىق بارچە شەيئىلەرنى يوق قىلىشنى قەستلەۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن قەبىھ رېئاللىق ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ كوللېكتىپ شەكىل ئالغان ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ نومۇسىغا تېگىش قىلمىشلىرى، جۈملىدىن خىتاي كادىرلىرىنىڭ ‹تۇغقان بولۇش› نامىدا ئەر كىشى قالمىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە كىرىپ يېتىۋېلىشى، قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى سۈنئىي يوسۇندا چەكلەش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بۇ ھادىسىلەرنى ‹باسقۇنچىلىق›، ‹قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇشۇنداق ئاتالغۇلار ئارقىلىق بىز ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ قانداق خاراكتېردە ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيمىز. يەنە بىر ياقتىن قارايدىغان بولساق خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرمۇ مۇشۇ قىلمىشلارنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.»

دوكتور شادى ھامىدنىڭ كۆزىتىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىشى ھەمدە خىتاي بىلەن دوست تارتىشىشى ئىسلام دىنى، مۇسۇلمانلار ئاممىسى ھەمدە «ئىسلام دىنىغا خائىنلىق قىلىشتەك» ئۈچ تەرەپلىمە مۇناسىۋەتنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. بولۇپمۇ بۇنىڭدا «بىر قىسىم ئوتتۇرا شەرق ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا ساتقۇنلۇق قىلىشتەك قىلمىشىنى يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق» ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ:

«مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە سۆز قىلماسلىقى بەكمۇ تىراگېدىيەلىك، شۇنداقلا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بەكمۇ غەش قىلىدىغان بىر ھادىسە. بۇنىڭدا بىرنەچچە سەۋەب بار. بىرىنچىسى، ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ماھىيەتتە ھاكىممۇتلەقلىق ۋە زۇلۇم ‍ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەتلەر. بۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى سېپى ئۆزىدىن زالىم كىشىلەر بولغانلىقى، شۇنداقلا ئۆز خەلقىگە ئىزچىل زۇلۇم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولغان خىتايدەك بىر زالىم بىلەن تېزلا دوستلىشالايدۇ. مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارايدىغان بولساق ئىسلام دىنىنىڭ پېشۋاسى ھەمدە ئىككى ھەرەمنىڭ خىزمەتكارى بولغان بىر كىشى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان بۇ ھاكىمىيەتنى بىز ئىسلام ھاكىمىيىتى، دەپ ئېيتالمايمىز. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناپىقلارچە يەنە بىر زالىمنى قوللىشى ئىسلام دىنىنىڭ ھېچقانداق ئەھكامىغا توغرا كەلمەيدۇ. يەنە بىرى، ئىسلام ئەللىرىدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولغاچقا ئۇلار ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە كۆپ خەۋەر بېرەلمەيدۇ. چۈنكى خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىسى قويۇق بولغان بۇ دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ گېپىنى قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ بۇ زۇلۇملار ھەققىدە ئەركىن دۇنيادا سۆز قىلىشى ھەمدە شۇ ئارقىلىق بۇ زۇلۇمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلىتىشى بەكمۇ مۇھىم. شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ مەنبەسى ئىسلام دىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئىسلام تونىغا ئورىنىۋالغان ئىستىبدات ھاكىمىيەتلەردۇر. بۇ ھاكىمىيەتلەر ھېچقاچان ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. سەئۇدى ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭ ‍ئىچىدە.»

دوكتور شادى ھامىدنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقانلىرىنى ئەركىنلىك ئالىمىدە كىشىلەر تىلغا ئېلىشتىنمۇ ئۇيىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھادىسىلەرنى چوقۇم ئاشكارا سۆزلەش كېرەك ئىكەن. چۈنكى ئامېرىكادىكى «فاشىزىم» ھەققىدە سۆز قىلىشنى ئىستىگەن كىشىلەر بېشىنى كۆتۈرسىلا باشقا بىر دۇنيادا فاشىزىمنىڭ تىرىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بەتبۇي تىنىقلىرىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت