فرانسۇز ناخشىچى رومايىن گۇتسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىغان يېڭى ناخشىسى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2023.01.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
فرانسۇز ناخشىچى رومايىن گۇتسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلىغان يېڭى ناخشىسى فىرانسىيەدە تۇغۇلغان، ھازىر بېلگىيەدە ياشاۋاتقان مۇزىكانت، ناخشىچى ۋە ناخشا تېكىستى يازغۇچى رومايىن گۇتسى (Romain Gutsi) ئەپەندى.
Social Media

فرانسىيەدە تۇغۇلغان، ھازىر بىلگىيەدە ياشاۋاتقان مۇزىكانت، ناخشىچى ۋە ناخشا تېكىستى يازغۇچى رومايىن گۇتسى (Romain Gutsi) 6-يانۋار كۈنى «خىتايدا ئۇيغۇرغا ئوخشاپ قېلىش» (Like a Uyghur in China) ناملىق يېڭى ناخشىسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ناخشا ئېلان قېلىنغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان كىشلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ناخشا تېكىستىدىكى مۇنۇ مىسرالار ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرەك تارىنى چەكمەكتە:
. . .

خىتايدىكى ھەر بىر ئۇيغۇردەك،

ئەركىنلىككە تەلپۈنەر قەلبىم.

قۇياش ھامان پارلار ئاسماندا،

پەرۋا قىلماس زالىمغا ئەسلا.

. . .

مۇزىكا ساھەسىدىكىلەر «رومايىن گۇتسىينىڭ يېڭى ناخشىسى ئەركىنلىك ئارزۇسىنى نامايەن قىلغان،» دەپ باھا بەرگەن.

بىز رومايىن گۇتسى ئەپەندىنىڭ «خىتايدا ئۇيغۇرغا ئوخشاپ قېلىش» ناملىق بۇ يېڭى ناخشىسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى تونۇشۇش ئۈچۈن، ئۇنى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزنىڭ مېھمىنى بولۇشقا تەكلىپ قىلدۇق.

سۆھبېتىمىزنىڭ تەپسلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.