ئۇيغۇرلار ئوساكادا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.06.28
osaka1.jpeg

د ئۇ ق ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 28-ئىيۇن، ئوساكا، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

osaka2.jpeg

د ئۇ ق ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 28-ئىيۇن، ئوساكا، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

osaka3.jpeg

د ئۇ ق ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 28-ئىيۇن، ئوساكا، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

osaka4.jpeg

د ئۇ ق ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 28-ئىيۇن، ئوساكا، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

osaka5.jpeg

د ئۇ ق ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 28-ئىيۇن، ئوساكا، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

osaka6.jpeg

د ئۇ ق ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 28-ئىيۇن، ئوساكا، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

osaka7.jpeg

د ئۇ ق ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 28-ئىيۇن، ئوساكا، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

osaka8.jpeg

د ئۇ ق ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئۆتكۈزگەن نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 28-ئىيۇن، ئوساكا، ياپونىيە. RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلىۋاتقان ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىگە بېرىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلاتقان.

بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە باشلانغان.

28-ئىيۇن كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى، ھۆر ھىندى تىنچ ئوكيان بىرلىكى تەشكىلاتى، خوڭكوڭغا ئەركىنلىك تەشكىلاتى، ياپونىيە تىبەت بىرلىكى ۋە ياپونىيە موڭغۇل بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. ھۆر ھىندى تىنچ ئوكيان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ياپونىيە ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىقىشىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە دۇنيادىكى 20 چوڭ دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلىۋاتقان بۇنداق بىر يىغىن ئېچىلىۋاتقان ئوساكادا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى

د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە پۇختا تەييارلىق قىلغانلىقىنى، لوزۇنكا ۋە رەسىملەرنى تەييارلاپ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن سىرت، رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان ۋاراقچە تارقاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئوساكادا چاقىرىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى 27-ئىيۇن كۈنى ئوساكا شەھىرىدە چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتكە ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرىدىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان. ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى نامايىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تراگېدىيەسىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەھبەرلىرىگە يەتكۈزۈشكە تىرىشقانلىقىنى، بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مۇخبىرلار نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سوئال سورىغان. ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى غالىپ مىجىت ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ياپونىيە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دائىم پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان دۆلەتلەردىن بىرى. ئۇنداقتا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ بۇرۇنقى پائالىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى نېمە؟ ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە خوڭكوڭ ۋە تەيۋەنلىكلەرنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.